ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سودىيە- پىروكۇرورلۇقنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشتات تۈزۈمى ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى

2018.06.24 11:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەمۇرىي ئىشلار سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى شۈ فېڭ 6- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىشخانىغا كىرىپلا قولىدىكى ھۆكۈمنامىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ 2007- يىلى خىزمەتكە چۈشكەندىن بۇيان، ئىزچىل سوت خىزمىتىنىڭ 1- سېپىدە ئىشلەپ، بۇ يىل 3- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشتاتقا كىرگەن سودىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇنجى تۈركۈمدە ئىشتاتقا كىرگەن پىروكۇرور، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈرچوڭ ئۆزى بېجىرىۋاتقان بىر دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ: ئىلگىرى دېلولارنى بىرتەرەپ قىلغاندا، رەھبەرلىك ئۆتكەلنى تۇتاتتى، ھازىر ئۆزۈم مەسئۇل بولغاچقا، يەلكەمدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، دېدى. ھازىر ئۇ ئىمزا قويۇشتىن ئىلگىرى دېلو ماتېرىياللىرىنى قايتا بىر قېتىم تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، ھەربىر دەلىل- ئىسپاتنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بولدى.

  مەركەزنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش تەلىپى بويىچە، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرى تۆت شەھەر، ناھىيە(رايون)دە ئىشتات تۈزۈمى ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودىيە ۋە پىروكۇرورلارنى تاللاش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بو شياۋ مۇنداق دېدى: ئىشتات تۈزۈمى دېگىنىمىز مۇنەۋۋەر سودىيە ۋە پىروكۇرورلارنى 1- سەپتە دېلو بېجىرىشكە ئەۋەتىش بولۇپ، بۇ، سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسى قوشۇنىنى كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ھەربىر ئەدلىيە دېلوسىنى ئادىل، ھەققانىي بىرتەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 4- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرىدە تاللاش ئارقىلىق 3615 ئىشتاتلىق سودىيە بارلىققا كەلگەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەپتىش مەھكىمىلىرىدە تاللاش ئارقىلىق 2152 پىروكۇرور بارلىققا كەلگەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سوت مەھكىمىلىرىدىكى سودىيەلەرنىڭ ھەممىسى دېلو بېجىرىشنىڭ 1- سېپىگە سەپلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىيە ۋە پىروكۇرورلار قوشۇنى تەدرىجىي ھالدا كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش، سەرخىللىشىش يولىغا ماڭدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ۋە تەپتىش مەھكىمىلىرىدە ئىشتات تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئىشتاتلىق سودىيە ۋە پىروكۇرورلارنىڭ قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك ئەلالىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئەدلىيە بايلىقى سوت قىلىشنىڭ 1- سېپىگە قايتۇرۇلدى. مەھكىمە رەھبەرلىرى ۋە ھەرقايسى كوللېگىيە، ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بېجىرگەن دېلولار بەلگىلىك سانغا يېتىشى، شۇنداقلا يەنە ئۇلار مۇرەككەپ، قىيىن ھەم زور دېلولارنى باشلامچىلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. بۇ، ئىشتاتقا كىرگەن مەھكىمە رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ دېلو تەستىقلاش ئەھۋالىنىڭ سوتتا بىۋاسىتە دېلو بېجىرىشكە ئۆزگىرىدىغانلىقى، «داڭلىق دوختۇرلار دىياگنوزى»نىڭ كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىدىغانلىقى، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇنشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بەي لى مۇنداق دېدى: ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتى سودىيە ۋە پىروكۇرورلارنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى دېلونى قاراپ چىقىشقا مەركەزلەشتۈرگۈزىدۇ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ، ئەدلىيە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  سودىيە دېلو بېجىرىش سۈپىتى ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى، سودىيەلەر ئىبرەت كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، خاتا دېلولارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كۈچەيتىلىپ، سودىيەلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى قوزغىتىلدى. ئىشتات تۈزۈمى سوتنىڭ 1- سېپىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، ئۇلارغا چېنىقىش پۇرسىتى بېرىپ، قىممەتلىك ئىشتات بايلىقىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىشلىتىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ساقلايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  بو شياۋ مۇنداق دېدى: ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا رىقابەت مېخانىزمى كىرگۈزۈلدى، ئىشتاتقا كىرگەن سودىيە ۋە پىروكۇرورلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بولمىسا، ئىشتاتتىن چېكىندۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونلۇق سودىيەلەر، پىروكۇرورلار ئىبرەت كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «كىرگۈزۈشكىمۇ، چىقىرىشقىمۇ بولىدىغان»، «ئۆستۈرۈشكىمۇ، چۈشۈرۈشكىمۇ بولىدىغان» ئىشتاتتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى شەكىللىنىپ بولدى، بۇ، ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئادىللىق، پاكلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر