ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن كەلگەن بەختلىك تۇرمۇش

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ يۇڭشيەن

2018.06.24 10:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «بۇلتۇر ئاچام بىلەن فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ شەھىرىدىكى كىيىم تىكىش كارخانىسىدا ئىشلەپ 70- 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق. سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىگەن بولساق، نەچچە يىلدىمۇ بۇنچە كۆپ پۇل تاپالمىغان بولاتتۇق»، دېدى ئۆيىگە ئانىسىنى كۆرۈشكە كەلگەن 22 ياشلىق زەينۇرە مۇتەللىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

  ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈژمە يېزىسى يۇقارقى ھويلا كەنتىدىكى زەينۇرە مۇتەللىپ ئاچا- سىڭىل ئىككىيلەن بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چۈەنجۇ شەھىرىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەمدى زىققا كېسىلى بار ئانىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار كەنتتىكى ياشلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ خىش- بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆي سېلىۋالدى.

  زەينۇرەنىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشلىشىنى توسۇپتىكەنمەن، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ خىزمەت ئىشلەپ، كاللامدىن ئۆتكۈزدى، مانا قاراڭ، دوختۇرخانىدا ياتقاندىكى چىقىمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ ئاشقان قىسمىنى قىزلىرىم ئىشلەپ تاپقان پۇلدىن تۆلىدۇق.

  يۇقارقى ھويلا كەنتىدە زەينۇرە مۇتەللىپكە ئوخشاش بۇنداق يىل بويى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدا ئىشلەۋاتقان دېھقانلار نۇرغۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە يۇقارقى ھويلا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ «بېيىش شەرەپلىك» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  دېھقانلارنىڭ پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسى بىر قەدەر تۆۋەن، ماھارەت بىلىدىغانلار بىر قەدەر ئاز بولۇشتەك ئەھۋاللارغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ۋە «كەسىپ تاللاش قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تېخنىكا ئۆگىنىش كېرەك»، دېگەن قاراشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى. مۇنەۋۋەر ئىشلەمچى ياشلارنى تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، «تاغلىق رايوندىن چىقىپ جاھان كۆرۈش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شەرەپ» يېڭى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېردوس شەھىرىدە كاۋاپخانا ئاچقان يۇقارقى ھويلا كەنتىدىكى ئوسمان ئەمەت مۇنداق دېدى: كاۋاپخانىدا ئىشلەۋاتقان سەككىز خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەنتتىن، ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە تامىقىنى كۆتۈرگەندىن باشقا، ھەر بىرەيلەنگە 50 مىڭ يۈەن يىللىق ئىش ھەققىنى ئالدىن بېرىدىغان بولۇپ توختاملاشتىم. توختامغا ئىمزا قويغان ھامان يىللىق ئىش ھەققىنى قولىغا بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدىم.

  ئوسمان ئەمەت يۇقارقى ھويلا كەنتىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئالدىن بېيىغان ياشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى ئۆيىگە 80 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئۇ بېيىغاندا يۇرتىنى، كەنتتىكى سەككىز نامرات ئائىلىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئۇلارنى ئېردوس شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، بىللە نان يېقىپ، كاۋاپ ساتتى.

  بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە يۇقارقى ھويلا كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم تەدبىر قىلدى. بۇلتۇر كەنتتىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 60 نەچچە كىشى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ شەھىرى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ئىشلەشكە باردى، كەنتنىڭ ئەمگەكچى چىقىرىشتىن كىرگەن كىرىمى 2 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل كەنتتىن سىرتقا ئىشلەشكە چىققان ئەمگەكچى 100دىن ئاشتى.

  خىزمەت ئەترىتى يەنە جياڭشى، جياڭسۇ قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئەمگەكچىلەرنى يېتەكلەپ ۋە باشقۇرۇپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا تەشكىللىدى. تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، قابىل كىشىلەر باشلامچىلىق قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەمگەكچى چىقىرىشتا ئىلگىرىكىدەك قارىغۇلارچە، تەرتىپسىز، پەسىلگە قاراپ يۆتكەشنى تەشكىللىك، تەرتىپلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىغا قاراپ يۆتكەشكە ئۆزگەرتتى، بۇنىڭ بىلەن ئەمگەكچى چىقىرىش سۈپىتىمۇ ھەقىقىي ئۆستى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر