ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قەشقەر شەھىرى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ

2018.06.23 16:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «كۆكتاتلىق 30 كىۋادرات مېتىر، مېۋىلىك دەرەخ يەتتە تۈپ، ئۈزۈم بارىڭى 42 كىۋادرات مېتىر». 6- ئاينىڭ 8- كۈنى، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ لەڭگەر كەنتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار كەنتتىكى نامرات ئائىلە تۇداجى پالتۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، 2018- يىللىق ھويلا- ئاران ئىگىلىكى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلدى.

  ھويلىغا قىزىل خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، پاكىز سۈپۈرۈلگەنىدى، ھويلىنىڭ بىر تەرىپىدە ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر، كۆكتاتلىقتىكى شوخلا، خۇاڭگۇا، قاپاق، چەيزىلەر ئادەمنى مەپتۇن قىلاتتى، ئۆيىدە كىرېسلو، ئۈستەل، تېلېۋىزور ئىشكاپى قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى تولۇق بولۇپ، تازىلىق ئۆيىگىمۇ مۇنچا ئورنىتىلغانىدى.

  تۇداجى ئائىلىسىدىكىلەر 2017- يىلى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، يوللار پاكىز ھەم رەتلىك ياسالغان، سۇ تۇرۇبىلىرى يۈرۈشلەشكەنىدى. ھازىر ھەممە ئۆيلەرگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئورنىتىلدى، ئاھالىلەر پات يېقىندا ئوت قالايدىغان ئوچاق بىلەن خوشلىشىپ، پاكىز، تەبىئىي گاز ئوچىقىدا تاماق ئېتىدىغان بولىدۇ.

  لەڭگەر كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى جاڭ جيەنبو: ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ياخشىلاندى، ھويلىسى چوڭايدى، ئۆينىڭ ئالدى- كەينىدىكى بوش يەرلەرمۇ كۆپەيدى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزى تېرىغان كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەرنى ئۆزى ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، يەنە بازارغا ئاپىرىپ سېتىشقا يېتەكلىدۇق، دېدى. 2018- يىلىنىڭ بېشىدا شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جيەنبو لەڭگەر كەنتىنىڭ 1- شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىمىز، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۆيىدىن يىراق يەردە ئىشلەشنى خالىمايدۇ، ئاياللار ئۆيدە ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارغا ئامال تېپىپ بەردۇق.

  بۇ يىل 1- ئايدا تۇداجىنىڭ ئوغلى كەنتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئايدا 2300 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى، تۇداجى بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشال ئىدى. تۇداجى مۇنداق دېدى: مەن مۇشۇنداق ياخشى ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمەن، ئوغلۇممۇ ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، ئۆزۈم يەنە ئازراق كۆكتات تېرىسام، ئون قوي باقسام، ئۆز ئەمگىكىم بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمەن.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى غۇلامجان ئابدۇۋايىت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لەڭگەر كەنتىدە 380 ئائىلە بار، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلە 158 ، نامرات ئاھالە 731. بۇنىڭ ئىچىدىكى 140 نامرات ئائىلىدە 320 ئەمگەكچى بار بولۇپ، ھازىر ھەممىسىدە «بىر ئائىلىدە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بەزى ئائىلىلەردە يەنە ئىككى- ئۈچ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنى ھۆكۈمەت تولۇق كاپالەتلەندۈرگەندىن باشقا، بىز يەنە ئۇلارنى ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق.

  غۇلامجان ئابدۇۋايىت تونۇشتۇرۇپ: لەڭگەر كەنتى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، نامرات ئائىلىلەر نامراتلارنى يۆلەش قويلىرىنى، نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىنى پاي قىلىپ قوشتى، يىل ئاخىرىدا پايدا ئايرىپ بېرىلىدۇ. كەنتتە ئاھالىلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىش يەسلىسى قۇرۇپ، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، ئۆيدە قالغان بالىلارغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ، ھۆكۈمەت يەنە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋاقتى ئون ئايدىن ئاشقان ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردى، دېدى.

  قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسىنىڭ شاخشاگ كەنتىدىكى ياغاچچى ساۋۇت ياقۇپ بايىلا پۈتتۈرگەن دەرۋازىنى ئالدىراش بېزەۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ياغاچچىلىق كىرىمىمنى قوشقاندا، ئائىلىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  شاخشاگ كەنتىدە ياغاچچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ بولۇپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ياغاچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنتنىڭ 1- شۇجىسى گاۋ چياڭ مۇنداق دېدى: ياغاچچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن باشقا، يەنە تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇق، كىيىملەر ئاساسلىقى يېزا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ. بىز خېرىدار چاقىرىش تارماقلىرى بىلەن ھەمراھ زاۋۇت تۈرىنى كىرگۈزۈش توغرىسىدا كېڭىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

  2018- يىلى قەشقەر شەھىرى ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ۋە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئائىلىلەردە «بىر ئائىلىدە بىر كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش»نى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ زور كۈچ بىلەن خاس تېرىقچىلىق، سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك ۋە كىچىك تىپتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى؛ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تۇتقا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا - ئارانلىرىنى رەتكە سالدى؛ ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، گاز، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا گۈزەل تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل