ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى بىللە دەرس ئاڭلاش پائالىيىتى»ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

48 ئالىي مەكتەپتە 95 مەيدان دەرس ئۆتۈلدى، 40 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى قاتناشتى

2018.06.23 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 20-، 21- كۈنلىرى قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قەشقەر داشۆسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىللە دەرس ئاڭلاش پائالىيىتى»نى ئۇيۇشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىللە دەرس ئاڭلاش پائالىيىتى» ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

  6- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ جيافېي، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرىمان ھىمىت قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايرىم- ئايرىم ھالدا «ماركسىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرەيلى»، «ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  6- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۇ يىڭچۈن، قەشقەر داشۆسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ پېيبىڭ ئايرىم- ئايرىم ھالدا قەشقەر داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋە ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈردى، ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولدى، ياش ئەۋلادلارنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى داۋامىدا ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  قەشقەر داشۆسى ئاسپىرانتلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شيې يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىچكى جەھەتتە قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئادەتتە ھەرىكىتىمىزدە، خىزمىتىمىزدە، تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  قەشقەر داشۆسى جۇڭگو تىللىرى شۆيۈەنى 2016- يىللىق 8- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ شۈخۇي مۇنداق دېدى: يىڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ۋەتەننى سۆيۈش، ئىرادىلىك بولۇش، ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تىرىشىشتەك سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشپ كۈرەش قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چاڭلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىش، مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىللە دەرس ئاڭلاش پائالىيىتى» 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزدا باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لېكتورلار ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 48 ئالىي مەكتەپ(بىڭتۈەندىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)كە بېرىپ، 95 مەيدان سەييارە دەرس ئۆتتى، 40 مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلاش ۋە توردا دەرس ئاڭلاش شەكلى ئارقىلىق بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كاللىمىزغا، قەلبىمىزگە پۇختا سىڭدۈرىمىز، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل