ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«جۇڭخۇا ئىستىلى، يۇرت مۇھەببىتى» دېھقانلار رەسىملىرى، قەغەز قىيما سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2018.06.23 16:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يۇرتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭخۇا ئىستىلى، يۇرت مۇھەببىتى» دېھقانلار رەسىملىرى، قەغەز قىيما سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى شىنجاڭ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە شىنجاڭ، گۇاڭدۇڭ، سەنشى، شەندۇڭ، شەنشى، جېجياڭ، خېبېي، جىلىن، جياڭسۇ قاتارلىق توققۇز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون) تەۋسىيە قىلغان 240 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى. كۆرگەزمىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر دېھقانلار رەسىملىرى ۋە قەغەز قىيما سەنئىتى ئەسەرلىرى توغرىسىدا دەرس ئۆتتى.

  بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل، بۇ رەسىملەردە، ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى دەۋردىكى دېھقانلارنىڭ ئوبرازى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قەغەز قىيما سەنئىتى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەل ئىچى سەنئەت شەكلى، ئۇ ئۇزاق دەۋرلەردىن بۇيان شەكلىنىڭ كۆپ خىللىقى، ئىپادىلەش ۋە تەسىر كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، نەپىس، گۈزەللىكى بىلەن جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلگەن.

  كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان شىنجاڭ دېھقانلار رەسىملىرى ئىچىدىكى ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتقان ئون ئايالنىڭ گۈزەل كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن «ئايال ئەلنەغمىچىلەر» دېگەن ئەسەر كۆرگەزمە ئەھلىنى تولىمۇ جەلپ قىلدى. بۇ رەسىمنى مەكىت ناھىيەسىدىكى 2- ئەۋلاد دېھقانلار رەسىمى ۋارىسى مۇنەۋۋەر مۇتەللىپ سىزغان. ئۇ بۇ رەسىم توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭدىكى يېزا ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بارغانسېرى ئۆستى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، مەن مۇشۇ ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلدىم.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئارزۇگۈل مۆمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دېھقانلار رەسىملىرى ۋە قەغەز قىيما سەنئىتى ئەسەرلىرى ئىنتايىن گۈزەل ھەم يېقىشلىق ئىكەن، دېھقانلار رەسىملىرىدىن دېھقانلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، قەغەز قىيما سەنئىتى ئەسەرلىرىمۇ ئىنتايىن نەپىس ئىكەن، بۇنداق سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئىنتايىن يېقىنلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاڭلىسام، بۇ پائالىيەت مەھەللىلەرگىچە قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن سەنئەتكارلار ھەۋەسكارلارغا قەغەز قىيما سەنئىتىنى ئۆگىتىدىكەن. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ، پۇرسەت بولسىلا مەنمۇ چوقۇم ئۆگىنىمەن، بىز جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھەممە جايدا نۇر چاچقۇزۇشىمىز كېرەك.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى «جۇڭخۇا ئىستىلى، يۇرت مۇھەببىتى» كۆرگەزمىسى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل