ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاقتۇ ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن نامراتلارنى يۆلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈردى

2018.06.23 16:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمەمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئاقتۇ ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئورمان ۋە ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بىلەن نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

  پىلال يېزىسىنىڭ ھويلا ئالدى كەنتىدىكى قاۋۇل تۇرسۇن ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ بۇلتۇر 2- ئايدا ئورمان قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئورمانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىندى. قىزىلتو يېزىسىنىڭ ئوردولۇڭ ئوزۇ كەنتىدىكى مەمەت تۇرسۇن ئائىلىسىمۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇمۇ بۇلتۇر ئوتلاق قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلىندى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇردىن بۇيان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەرنى ئورمان ۋە ئوتلاق قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئورمانچىلىق تېخنىكىسى ۋە ئوتلاق قوغداش، ئوت- چۆپ ئۆستۈرۈش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىدى. ئارىسالدى ۋاقىتلاردا ئۇلارنى تەشكىللىك ھالدا ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە ئورمىنىنى قوغداش، ئوتلاقلارنى قاشالاش، تولۇقلاپ ئوت- چۆپ تېرىش، ئوتلاقلاردا نورمىدىن ئارتۇق چارۋا مال بېقىشنى چەكلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشتۇردى. ھازىر ناھىيە بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئورمان قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىنغانلار 600 كىشىگە، ئوتلاق قوغداش خادىملىقىغا قوبۇل قىلىنغانلار 750 كىشىگە يەتتى. ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ مۇقىم بولدى. بۇنىڭ بىلەن ناھىيە بويىچە 200 مىڭ مو ئورمان ۋە 5 مىليون مودىن ئارتۇق ئوتلاقنىڭ ئېكولوگىيەسى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل