ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئېچىۋېتىش يېڭى شامىلى كۆتۈرۈلدى ④

پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى ئايروپىلانلىق ساياھەت قىلىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

2018.06.22 11:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، بىر ئايروپىلان ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن كۆككە كۆتۈرۈلمەكتە. (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)
  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل − شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن 40 يىل بولدى. 1978- يىلى شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىدا شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىركىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ھازىر پۇقرالار ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن 49ى بولۇشقىچە، شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى تەرەپ- تەرەپكە تۇتاشتى، شىنجاڭ «يىراق جاي» ھېسابلانمايدىغان بولدى.

    زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى شەكىللەندى

  پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى شىركىتىنىڭ پېنسىيونېرى، 78 ياشلىق گو لىكۈي 36 يىل سەرپ قىلىپ ياسىغان، يىغقان 34 پارچە ئاۋىياتسىيە خاتىرە كونۋېرتىدا شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتى خاتىرىلەنگەن: 1979- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى- كورلا- چەرچەن لىنىيەسىدە تۇنجى ئايروپىلان قاتنىدى؛ 1986- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۈرۈمچى- گۇاڭجوۋ لىنىيەسىدە تۇنجى ئايروپىلان قاتنىدى...گو لىكۈي بۇ ئاۋىياتسىيە خاتىرە كونۋېرتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1978- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىدا بىرلا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بار ئىدى، ئۈرۈمچى ئايروپورتى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئىچىدىكى سەككىز ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى باشقۇراتتى. ھەربىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئايروپىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىشى ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

  بۇلتۇر 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۈرۈمچى- شىئەن- لاسا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئايروپىلان قاتنىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىنى تولۇق قاپلىدى.

  2017- يىلى، شىنجاڭنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى 30 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى 49غا، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 257گە يەتتى. ھازىر ئۈرۈمچى ئايروپورتىدىن 17 دۆلەت، 24 خەلقئارا(رايون) شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 73 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنايدۇ. يېڭى ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئىچىدە، ھەم شىنجاڭنىڭ ساياھەت قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىدىن ئىچكىرىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەلىرى، ھەم شىنجاڭدىكى ساياھەت بايلىقى توپلانغان شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ئايلانما لىنىيەلەر بار. 2018- يىلى 1- پەسىلدە، يەنە ئىككى ئاۋىياتسىيە شىركىتى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى ئۇچۇش بازىسى قىلىپ تاللىدى ھەم تارماق لىنىيەنى تۈگۈن قىلغان شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

  ھازىر، شىنجاڭدا ئۈرۈمچىدە قونماي، بىۋاسىتە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 46سى، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى ئارا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 29ى ئېچىلىپ، رايون ئاۋىياتسىيە قاتنىشى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشى تېخىمۇ كۆپەيدى ھەم تېخىمۇ كەڭ ساياھەت بوشلۇقى ئېچىلدى.

    ئايرودۇرۇملار كۆپىيىپ، ئايروپىلانلار تەرەپ- تەرەپتىن ئۇچتى

  3- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 17دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى- كورلا- چاقىلىق «CZ6679» قېتىملىق تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلانى چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىغا قوندى، بۇ، شىنجاڭدىكى 20- ئايرودۇرۇم − چاقىلىق كىروران ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ساياھەتچى دەي چېن قاتناش باشلانغان كۈنى مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم ئۈرۈمچىدىن چاقىلىققا بېرىشتا ئاۋۋال ئايروپىلان بىلەن كورلىغا بېرىپ، ئاندىن كورلىدىن ئاپتوموبىل بىلەن چاقىلىققا باراتتىم، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە ئون نەچچە سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا چاقىلىققا بارغىلى بولىدۇ، سەپىرىمىز كۆپ قولايلاشتى.

  شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. شىخەنزە، كۆكتوقاي، يەكەن ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ، قاتناش باشلاندى، تۇمشۇق ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش باشلاندى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئايرودۇرۇملارنىڭ زىچلىقى 12- بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ھەر 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا 0.96سى توغرا كېلىشتىن كۆپىيىپ، ھازىر 1.20سى توغرا كېلىدىغان بولدى؛ پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى كېرىيە، تاشقورغان، خېجىڭ، بايىنبۇلاق، قۇبۇقسار، باركۆل، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق ئايرودۇرۇملار قۇرۇلىدىغان ئورۇننى تەستىقلىدى.

  ھازىر، شىنجاڭ تەرەققىي قىلىپ مەملىكەت بويىچە پۇقرالار ئايرودۇرۇملىرى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇپ قالدى، ئاپتونوم رايوندىكى مىليون دەرىجىلىك تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى بەشكە يەتتى. زامانىۋىلاشقان ئايرودۇرۇملاردىن ئايروپىلانلار تەرەپ- تەرەپكە ئۇچۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى زىچ تۇتاشتۇردى.

  ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايونىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئايروپورتنىڭ ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى4Fكە يېتىپ، «A380» بەلگىلىك ئايروبۇس ۋە ئوخشاش تۈردىكى ئايروپىلانلارنىڭ تولۇق يۈكلۈك ئۇچۇش، قونۇش ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.

  13- بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى 16 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى مۇكەممەل، كاپالىتى كۈچلۈك «تۈگۈن- تارماق لىنىيە- ئۇنىۋېرسال لىنىيە»دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئايرودۇرۇم سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرىدۇ.

    «ھاۋا يىپەك يولى» راۋانلاشتى

  بۇلتۇر، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدا يارقىن نۇقتىلار كەينى- كەينىدىن بارلىققا كەلدى: 7- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا ئۇچقان، قونغان نۆۋەتچى ئايروپىلان 557 (قېتىم)گە يېتىپ، يەككە ئۇچۇش- قونۇش يولىدا ئۇچۇش- قونۇشنىڭ يېڭى تارىخىي رېكورتى يارىتىلدى؛ «بوئېئىڭ- 787» بەلگىلىك ئايروپىلان تۇنجى قېتىم غەربىي شىمالغا ماكانلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، قەشقەر قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە قاتناپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى يولۇچى بېسىق مەزگىلدە ئاساسلىق ئىشلىتىدىغان ئايروپىلانى بولۇپ قالدى؛ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يازدا ئەڭ كەڭ گەۋدىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى − «بوئېئىڭ- 777- 300ER» بەلگىلىك ئايروپىلاننى كۈتۈۋالدى...

  ھازىر، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تورلاشقان، ئاپتونوم رايون سىرتىدا شەرق بىلەن غەرب يەلپۈگۈچسىمان تۇتاشقان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئاسىيا- ياۋروپا قاتناش خەرىتىسىدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زىچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ، خۇددى كېپىنەكنىڭ بىر جۈپ قانىتىغا ئوخشاش شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى يۆنىلىشكە كېڭىيىپ، شەرقتە دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي رايونلىرىغا، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا تۇتاشتى.

  بۇ يىل يازدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى- لاھور بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدۇ ھەم ئۈرۈمچى- ئاستانا بېرىش- كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول»غا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونىدا بىر قەدەر مۇكەممەل ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى قۇردى. مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئېچىلىپ ۋە كۆپەيتىلىپ، شىنجاڭدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى شەھەرلەر ۋە ئاسىيا- ياۋروپا ئىچكى رايونلىرىغا قاتنايدىغان تېخىمۇ كۆپ ھاۋا يولى ئېچىلىدۇ.

  كەلگۈسىدە، شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىن شەرقىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلارغا قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشى ۋە كۆپەيتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنىلىك فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋا يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر