ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شېن ۋېي: يېزا- كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ قەلبىدە ئۈمىد گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن

مۇخبىرىمىز خې خۇڭۋېي

2018.06.22 11:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    6- ئاينىڭ 8- كۈنى شېن ۋېي (ئوڭدىن 1- كىشى) دەرس ئارىلىقىدا بالىلار بىلەن بىللە. (سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن)
  6- ئاينىڭ 10- كۈنى ھەپتە ئاخىرى ئىدى، يەكەن ناھىيەسى كاچۇڭ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شېن ۋېي ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە پوسۇلكىلارنى ئېچىپ، ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بۇ پوسۇلكىلار شاڭخەي «ۋېيئەي» جامائەت پاراۋانلىقى مۇلازىمەت مەركىزى ئەۋەتكەن ئوقۇش قوراللىرى ئىدى.

  شېن ۋېي مۇنداق دېدى: ساخاۋەتچىلەر ۋە جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى ئەۋەتكەن بۇ ماددىي بۇيۇملار مەكتەپنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى، مەن تىرىشىپ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلىسەملا، كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايمەن.

  شېن ۋېي ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ھەقسىز ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2011- يىلى 2- ئايدا قەشقەر داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارسلانباغ يېزىسى يېڭىئاۋات باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. شېن ۋېي ئۇزاقتىن بۇيان ساقچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. كىچىكىدىنلا شەھەردە چوڭ بولغان شېن ۋېي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزىلارنىڭ جاپالىق شارائىتىنى كۆرۈپ گاڭگىرىدى، ئىككىلەندى، شۇنداقلا بۇ يەردىن كېتىش خىيالىغىمۇ كەلگەنىدى.

  شېن ۋېينىڭ ئاتا- ئانىسى ئەينى ۋاقىتتا چېگرا رايونلارغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلار بولۇپ، ئۇلار شېن ۋېيغا پېشقەدەملەرنىڭ ئىلگىرى قانداق بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، چۆل- باياۋانلارنى قانداق قىلىپ مۇنبەت يەرگە ئايلاندۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەتتى ھەم ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا قېلىپ كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

  شېن ۋېي ئاتا- ئانىسىنىڭ تەربىيەسى، بالىلارنىڭ سەبىي كۈلكىسىدىن مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى. «بالىلار ئۆگىنىشتە ناھايىتى ئەستايىدىل، ئۇلار بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار ماڭا موھتاج، مەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىۋاتىمەن، ئىشنى قىلغان ئىكەنمەن، چوقۇم ياخشى قىلىشىم كېرەك». شېن ۋېي ئۆزىنىڭ تىرىشىش نىشانىنى تاپتى.

  ئىككى يىلدىن كېيىن، شېن ۋېي 1- يىللىقتىكى 55 ئوقۇغۇچىغا مەسئۇل بولدى. دەسلىپىدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش تەس ئىدى، شېن ۋېي ئۇلار بىلەن سۈرەت ۋە سىندىن پايدىلىنىپ، ئىشارەت ۋە چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇردى. كېيىنچە شېن ۋېينىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، بالىلار دۆلەت تىلىدا ئەقىل سىنايدىغان تېپىشماقلارنى ئېيتالايدىغان، دەرسلىكلەردىكى ھېكايىلەرنى ئۆزلىرى رول ئېلىپ ئورۇنلىيالايدىغان، تەپەككۇر قىلىپ ماقالە يازالايدىغان بولدى.

  شېن ۋېي بالىلارنى سۈرەتكە تارتىپ، بۇ سۈرەتلەرنى مىكرو بىلوگىدا تارقىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە بۇ جەرياندا نۇرغۇن ساخاۋەتچى زاتلار بىلەن تونۇشتى. شېن ۋېي 2015- يىلى 8- ئايدا «سىنا» مىكرو بىلوگىدا جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر ۋاڭ گۇاڭباۋ بىلەن تونۇشتى. ۋاڭ گۇاڭباۋ گەرچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جېجياڭغا قايتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى، ۋاڭ گۇاڭباۋ شېن ۋېي ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، توردا ئۇنىڭ بىلەن بىللە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. بۇ پائالىيەت باشلانغاندىن كېيىن، شېن ۋېي ھەر كۈنى دېگۈدەك مەملىكەتنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن مېھىر- شەپقەت پوسۇلكىلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  شېن ۋېي بۇ پوسۇلكىلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، قارشى تەرەپكە مىكرو بىلوگىدا، تېلېفوندا بىر- بىرلەپ رەھمەت ئېيتتى، شېن ۋېيدا يەنە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا مېھىر- شەپقەت كىيىم ئىشكاپى قويۇپ، مېھىر- شەپقەت كىتاب ئوقۇش ئورنى قۇرۇپ، ئۇنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سىنىپى قىلىش، بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە مېھىر- مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىق ئۇرۇقى چېچىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ، چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىغا، ياراملىق ئادەم بولۇشىغا ئاساس سېلىش ئويى تۇغۇلدى.

  2016- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى «مىننەتدار قەلبلەر ياردىمىڭىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش سىنىپى قۇرۇلدى. ئوقۇغۇچى مۇرات ئەمەر مۇنداق دېدى: بىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغا- ھەدىلىرىمىزنىڭ، ئاكا- ئاچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتۇق، مەنمۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن.

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. شېن ۋېي 2016- يىلى 11- ئايدا 2016- يىللىق «ما يۈن يېزا ئوقۇتقۇچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى، مۇكاپات تارقىتىلغان كۈن دەل ئۇنىڭ 27 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

  شېن ۋېي 2017- يىلى 3- ئايدا خىزمەت يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان كاچۇڭ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. شېن ۋېي مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان كۈنى بالىلار كۆز يېشى قىلىشتى، مەن ئۇلارغا تەسەللى بەردىم. مەن يېڭى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن نەچچە يىلدىن بۇيان تارتقان سۈرەتلەرنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەردىم. كاچۇڭ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شارائىتى تولىمۇ ناچار ئىكەن، بۇ يەر ماڭا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

  بىر سىنىپنى باشقۇرۇشتىن بىر مەكتەپنى باشقۇرۇشقىچە، 55 ئوقۇغۇچىدىن 2700 ئوقۇغۇچىغىچە، شېن ۋېينىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، قىلىدىغان ئىشلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، شېن ۋېي مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى يېڭى مەكتەپكىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئىككىنچى «مېھىر- شەپقەت سىنىپى»نى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدى.

  شېن ۋېي بۇ بىر نەچچە يىلدا قىممىتى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن قىممىتىدە مېھىر- شەپقەت ماددىي بۇيۇملىرىنى توپلاپ، 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ياردەم بەردى. بۇ جەرياندا شېن ۋېي جورىسى بىلەن تونۇشتى، ئۇلار ياشلىق باھارىنى يېزا- كەنت مائارىپىغا بېغىشلىماقچى بولدى. شېن ۋېي مۇنداق دېدى: قانچىلىك جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئۈمىدلىك قەلبلەر ئۈچۈندۇر.

  شېن ۋېي تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر مەن بەش يىلدىن ئون يىلغىچە مەكتەپنى يېزا- كەنت تولۇق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئۈلگە مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى مائارىپ مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشنى نىشان قىلىۋاتىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر