ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى

2018.06.22 11:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 90 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىكەن. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئالاقىدار تارماقلار بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا ۋە كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەخسۇس كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كەسىپنى توغرا تاللاشقا، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپىنى قەدىرلەشكە يېتەكلىشى؛ بۇنىڭدىن سىرت، ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بازار ئېھتىياجىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھالاش، باھا بېرىشنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر