ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يورۇقلۇققا ئىنتىلگۈچى ۋاڭ جىڭ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن

2018.06.22 11:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ۋاڭ جىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ماتېرىيالنى كۆرمەكتە.
  مۇبادا كۆزىڭىز يورۇق دۇنيانى ئېنىق كۆرەلمىسە، ئۇنداقتا كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدەنگۈدەك غەيرىتىڭىز يەنە بولارمۇ؟ مانا مۇشۇنداق جاۋاب بېرىش ئىنتايىن تەس بولغان سوئالغا كورلا شەھىرىدىكى ئەما ئۇۋۇلاش ئۇستىسى ۋاڭ جىڭ جاۋاب بەردى. ئۇ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆزىگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان «كۆز»نى تىرىشىپ ئىزدىدى ھەم 30 ياشقا كىرگەندە باشقىلارنى كىشىلىك ھاياتنىڭ تۇيۇق يولىدىن باشلاپ چىقالايدىغان «كۆز»گە ئايلاندى.

  ۋاڭ جىڭنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسۇلۇش كېسىلى بار ئىدى. ئۇ سەككىز ياشقىچە باشقىلارغا ئوخشاشلا ئىككى كۆزى بىلەن بۇ دۇنيانى ئېنىق كۆرەلەيتتى. 1993- يىلى تۇيۇقسىز تەگكەن زۇكام بىلەن ۋاڭ جىڭ يورۇقلۇقتىن ئايرىلىپ قېلىپ، تۇرمۇشى قاراڭغۇلۇققا تولدى. ۋاڭ جىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە ۋەھىمىنى تەدرىجىي يېڭىپ، تۇرمۇشقا قايتىدىن ئۈمىد باغلىدى. ئۇ تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇۋۇلاش مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو تېبابىتى ۋە ئۇۋۇلاش بىلىملىرىنى ئۆگەندى.

  2009- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن ۋاڭ جىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىگە ئاتلاندى. شۇ يىلى 3- ئايدا ۋاڭ جىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە كورلا شەھىرىدىكى 4- تىرانسپورت شىركىتىنىڭ 6- ئەترىتى مەھەللىسىدە يول بويىغا جايلاشقان 60 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئالدى ھەم ئۇنىڭغا «جىڭئېنتاڭ ئۇۋۇلاش دۇكىنى» دەپ ئىسىم قويۇپ تىجارىتىنى باشلىدى. ھۈنەرگە پىششىق ۋە مۇلازىمەتتە قىزغىن بولغاچقا، ئۇۋۇلاش دۇكىنىنىڭ تىجارىتى كۈندىن- كۈنگە ئاۋاتلىشىپ، چۆپقەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.

  ۋاڭ جىڭنىڭ دۇكىنىدا خېرىدار ياڭ مېي مۇنداق دېدى: ۋاڭ جىڭنىڭ ئۇۋۇلاش ھۈنىرى ئىنتايىن كەسپىي بولغاندىن سىرت، يەنە جىڭلو ۋە پەللىنى ئىنتايىن توغرا تاپىدۇ. بىر چەتتە قاراپ تۇرغان خېرىدار خاۋ يۈيىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ مۇنداق دېدى: ۋاڭ جىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىغاندىن باشقا، يەنە باشقا مېيىپلەرنىڭ پىسخىك توسالغۇنى يېڭىپ، ئۆيىدىن چىقىپ، جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشىگە ياردەم بەردى، ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس!

  ۋاڭ جىڭ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: ئادەم بەدىنىدىكى پەللىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سىيلاپلا بىلەلەيمەن. ھازىر قولۇم مېنىڭ كۆزۈم بولۇپ قالدى! دېدى. تۇتۇش، بېسىش، ئىتتىرىش، ئۇۋۇلاش... بۇ خىل تۇرمۇش ۋاڭ جىڭغا نىسبەتەن ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇۋۇلاش دۇكىنى تىجارەت قىلغان توققۇز يىلدىن بۇيان، جەمئىي 10 مىڭدەك خېرىدارنى ئۇۋۇلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئەمالار يورۇقلۇقنى كۆرەلمىسىمۇ، يورۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشسا بولىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بەزى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئەمالارغا نىسبەتەنمۇ ئوخشاش. ۋاڭ جىڭ دەل مۇشۇنداق ئوي بىلەن ناتونۇش ساھە ئۈستىدە ئىزدەندى، ئۇۋۇلاش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى كاڭ شياڭنىڭ نەزەرىدە 33 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مېھرىبان ئايال. كاڭ شياڭ مۇنداق دېدى: ئۇ ھەر خىل يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە خىرىسلارغا يۈزلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەسىلەن: ئەمالارنى كىنوخانىلارغا بېرىپ كىنو كۆرۈشكە، دالىغا بېرىپ سەيلە قىلىشقا، سۇ ئۈزۈش سارايلىرىغا بېرىپ سۇ ئۈزۈشكە، كۇتۇپخانىلارغا بېرىپ ئەمالار كىتابلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللەش دېگەندەك... بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەيدۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق پايدىمۇ ۋە ھەقمۇ ئالمايدۇ. ۋاڭ جىڭ جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن ئىشلىگەنلىكتىن، ئۇدا ئىككى يىل ئەما دوستلىرى تەرىپىدىن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئاكتىپ كۈچ بىلەن تولغان، سىز پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولسىڭىز، ئۇ سىزگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىسەم ئۆزۈمنى تولۇپ تاشقان كۈچ- قۇۋۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلىمەن.

  ۋاڭ جىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئارزۇ- ئارمانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە خېرىدارلارغا تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇۋۇلاش كەسپىدە ئۆزۈمنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىمنى نامايان قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر