ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش

مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگەندى

2018.06.22 11:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنى ۋە ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ئون مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش پائالىيىتى»نى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى مەنىۋى كۈچ- قۇدىرىتى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

  «ئەمەلىي دەرسخانا»، «بوشلۇق دەرسخانىسى»، «تور دەرسخانىسى» ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

  «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ئون مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش پائالىيىتى»دە، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ مۇزاكىرە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئەتراپلىق دەرس تەييارلاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى توپقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قاراتمىلىق ھالدا يېشىپ چۈشەندۈردى ھەم تېلېۋىزىيەلىك دەرس ئۆتۈش، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش، سەييارە دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، «ئەمەلىي دەرسخانا»، «بوشلۇق دەرسخانىسى»، «تور دەرسخانىسى»نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

  تيەنجىندە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تيەنجىن داشۆنىڭ مۇدىرى جۇڭ دېڭخۇا مۇنبەرگە چىقىپ، 1200 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋەكىلىگە «يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، سەييارە لېكسىيە سۆزلەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئارقىدىنلا 30 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن لېكسىيە سۆزلىگۈچى «پىروفېسسورلار ئۆمىكى» شەھەر بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدىن 60 مەيدان سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى، دوكلات بەردى، بۇ پۈتۈن شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى قاپلىدى؛ تيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «ئۆگىنىش ۋاقتى» پىروگراممىسىدا ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سۆھبەتلىشىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تېلېۋىزىيەدە ئون قېتىم دەرس ئۆتتى.

  خېيلۇڭجياڭدا شەرقىي شىمال ئورمانچىلىق داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجسى جاڭ جىكۈن، خاربېن سانائەت داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى شۈ فىڭجېن ئۆتكەن قالتىس دەرسلەر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا 53 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» 80 نەچچە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ سەييارە دەرس ئۆتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ئون مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش پائالىيىتى» 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى.

  تەلىم- تەربىيە بېرىلىپ، قىيىن مەسىلىلەر چۈشەندۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە ياخشى يېتەكلەندى

  ئوقۇتقۇچى ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى «دەرس ئۆتۈش»، «قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش»كە ماھىر بولۇشتىن باشقا يەنە «تەلىم- تەربىيە بېرىش»نى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ دەپ تونۇشى كېرەك.

  «يېڭى ئىدىيەنى ئۆگىنىپ، ئون مىليونلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش پائالىيىتى»دە ئەنخۇي، شەندۇڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر تۈپ ۋەزىپە»، «ئىككى ئۆلچەم» ۋە «ئۈچ تۈرلۈك ئۇل خىزمەت»نى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇش؛ ماركسىزمنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسى، ئوقۇتۇشىنى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ شەرھلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ يېڭى دەۋردىكى «تۆتكە ئىگە» ياخشى ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ياخشى يېتەكلىگۈچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسى بولۇش كېرەك.

  خۇبېيدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكەن تۇنجى مەيدان دەرستە ۋۇخەن داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى خەن جىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالى توغرىسىدىكى توغرا ھۆكۈمى سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش قانۇنىيىتى، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەش قانۇنىيىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلىگەنلىك بولۇپ، ئۇ مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ تۈپ قوللانمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىئەن قاتناش داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تيەن جيەنجۈن شەنشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى مەيدان دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەرس ئۆتكەن مۇتەخەسسىسلەر ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى سېلىشتۇرۇپ، ۋاقىت بىلەن زاماننى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر قېتىم مۇھىم دەرس ئۆتۈپ بەردى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىسى بولغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو جەنۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەزەرىيە ئۆگىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەتقىق قىلغۇچىلار، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، خىزمەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇسۇل- چارىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسنىڭ جەلپكارلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئۆگەنگەننى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  دەۋرنىڭ زور مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇش كېرەك

  يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش − يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  6- ئاينىڭ 4- كۈنى سىچۈەن داشۆ، ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا داشۆسى، غەربىي جەنۇب قاتناش داشۆسى، غەربىي جەنۇب مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى ۋە غەربىي جەنۇب مىللەتلەر داشۆسىدىن كەلگەن 500 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى ۋەكىلى نەق مەيداندا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، غەربىي جەنۇب قاتناش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جەي ۋەنمىڭنىڭ «پەن- تېخنىكا گۈللەنسە، مىللەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچلۈك بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ» دېگەن تېمىدىكى بىر قېتىملىق جانلىق دەرسىنى ئاڭلىدى. سىچۈەن مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۈندىدارى ئارقىلىق، بۇ قېتىملىق دەرسنى 150 نەچچە مىڭ ئادەم (قېتىم) كۆردى.

  ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئۇچۇر ۋە يۇمشاق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى 2016- يىللىق تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لۈ چيەنچيەن مۇنداق دېدى: جەي ۋەنمىڭ پىروفېسسورنىڭ ئېيتقىنىدەك، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياشلىق باھارىمىزنى قەدىرلەپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى چىڭ تۇتۇپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پەن- تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك.

  جېجياڭ، سەنشى، خۇنەن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ئوقۇغۇچىلار «ۋەتەننى سۆيۈش، ئىرادىلىك بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەش» تېمىسىدا «بىر سائەتلىك دەرسكە تەڭ قاتنىشىش» پائالىيىتى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بارلىق ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

  گەنسۇ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئورمانچىلىق ئىلمى شۆيۈەنى 2015- يىللىق سۇ- تۇپراقنى ساقلاش ۋە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى يەن جېخاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يېڭى دەۋردىكى ياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، دەۋرنىڭ زور مەسئۇلىيىتىنى دادىللىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئىرادىلىك ۋە پەزىلەتلىك بولۇپ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئارزۇسىنى جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-ئىيۇن تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل