ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

2018- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتى باشلاندى

2018.06.21 13:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2018- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلاش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ باش تېمىسى − «يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش».

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر- يېزىلارنى پىلانلاش قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يېزا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەسى ياخشى، مۇھىتى گۈزەل، ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇش.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نازارەت قىلىش پىرىنسىپىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەپ، قانۇن- نىزاملارنى يولغا قويۇش جەريانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن- نىزاملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇن- نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، جايلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى توغرا، كونكرېت تېپىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي بايقاپ، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى بايقاپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تەرەپلەر رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، يۆنىلىش ئېڭى، مەسىلە ئېڭى ۋە خەلقنى كۆزلەش ئېڭىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پائالىيەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ۋە گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ يېزا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر