ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر 6- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئارزۇ تولدۇرىدۇ

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە نومۇر رەت تەرتىپىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ

2018.06.21 12:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ 6- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 12دىن 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 18 گىچە بولىدىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسى»غا كىرىپ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تولۇق كۇرسنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغان تۈركۈمىگە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدىكەن؛ باشقا تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 18دە ئاخىرلىشىدىكەن. 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسى» شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn)نىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسى»نىڭ قەغەز نۇسخىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى «مۇندەرىجە ئىزاھاتى»نى چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇشى كېرەك. ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تۈركۈمى، پەن تۈرى، ئىسمى، كەسپى ھەم كودى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، مەزمۇنى ھەقىقىي، توغرا، خاتاسىز بولۇشى كېرەك. ئۆز ئالدىغا تاللايدىغان تۈركۈم ئۆلكە پىلانى(ئالىي مەكتەپ مەخسۇس تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەپ ئايرىلمايدۇ، سەنئەت ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرمۇ ئۆلكە پىلانى، دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان «ئۈچ خىل مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) ئوقۇغۇچىلىرى» «2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى كەسىپ مۇندەرىجىسى»دە ئېلان قىلىنغان «ئۈچ خىل مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپى» پىلانىدىكىدىن باشقا بارلىق مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ: ئاپتونوم رايون سوئالنى بىر تۇتاش چىقارغان «ئۈچ خىل مەكتەپ(تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) ئوقۇغۇچىلىرى» ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئېلان قىلىنغان «ئۈچ خىل مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپى» پىلانىدا بېكىتىلگەن مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگىلا ئارزۇ تولدۇرالايدۇ.

  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى، كىملىك نومۇرى ۋە ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىدىكى دەسلەپكى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىشى كېرەك، تۇنجى قېتىم سىستېمىغا كىرىپ شەخسىي مەخپىي نومۇرىنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، باشقا مەشغۇلاتلارنى قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىمتىھان بەرگەنلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى، بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، بەدەن شارائىتى، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارزۇسىنى مۇۋاپىق تولدۇرۇشى، ئارزۇ خەۋپىنى تولۇق ئويلىشىپ، تاللىنالماي قېلىش نىسبىتىنى ئازايتىشى كېرەك.

  چاتما خەۋەر: ئاپتونوم رايونىمىز 6- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 22 دە 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە نومۇر رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئىككى خىل شەكىلدە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  بىرىنچىدىن، تور بېكىتىدە سۈرۈشتۈرۈش، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتى (http://www.xj edu.gov.cn ياكى http://www.xj.edu.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى (http://www.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى (http://www.ts.cn)، شىنجاڭ كۆچمە ئالاقىچىلىكى «ئىناق مەكتەپ» تور بېكىتى (http://xj.cmccedu.net) گە چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يان تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر زاكاز قىلىش، تەلەپ قىلىش شۇنداقلا 12580نىڭ ئاپتوماتسىز مەشغۇلات سۇپىسىغا تېلېفون قىلىپ نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش كەسپى زاكاز قىلىش ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ نومۇرىدىن گۇمانلانسا، 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «2018- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جاۋاب كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى) ئارقىلىق نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جاۋاب كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى)دىكى ھەر قايسى كىچىك سوئاللارنىڭ تەكشۈرۈلمەي قالغان- قالمىغانلىقى ۋە نومۇرنىڭ توغرا جەملەنگەن- جەملەنمىگەنلىكىنى قايتا تەكشۈرىدىكەن، قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەخسۇس خادىم ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرىدىكەن. 6- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى، ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى مەسلىھەت بېرىش- كۈتۈۋېلىش پونكىتىنى بىرلا ۋاقىتتا تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى بېجىرىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر