ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشكە ئائىت ئىككى تۈرنىڭ باھاسىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2018.06.21 12:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە: كۆپ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرى جەھەتتىكى ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشى ۋە باھا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرتىپكە سېلىش، بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى «بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشكە ئائىت ئىككى تۈرنىڭ باھاسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى قانات يايدۇرۇۋاتقان بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرى قان زەردابى قالقانسىمان بەزنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇننى ئېنىقلاش ۋە فېنىل ئالانىننى ئېنىقلاش (PKU) تىن ئىبارەت ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش ھەققى بىردەك تۈر 2- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە قان ئېلىشقا مەسئۇل داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىنىڭ ھامىيسىدىن تەكشۈرتۈش ھەققى، پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەققى قاتارلىق ھەر قانداق ھەقنى ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرى بويىچە داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ياكى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردىكى ھەر قايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىنىڭ ھامىيسىدىن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشتە ئىختىيارىي بولۇش ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ تاللاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، تاللاپ تەكشۈرۈلىدىغان تۈر، شەرت، شەكىل، ئىنچىكىلىك دەرىجىسى ۋە ھەق قاتارلىق ئەھۋاللارنى بالىنىڭ ھامىيسىغا بىلدۈرۈشى ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ تەكشۈرگەنلەر «باھا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بوۋاقلاردىكى كېسەللىكلەرنى تاللاپ تەكشۈرۈش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدىكى بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ كەلتۈرىدىغان تۇغما خاراكتېرلىك، ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللەرنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، دەسلەپكى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئانا- بالىلار ساقلىقنى ساقلاش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر