ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شيا فەنشياڭ: شىنجاڭنىڭ «ئەلى بابا»سىنى بەرپا قىلىمەن

مۇخبىرلىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا، لياڭ لىخۇا

2018.06.21 12:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شىركىتىمىز قۇرۇلغان تۇنجى يىلى <11- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى>دە ئۈرۈمچى بازىرىدىكى سېتىش سوممىمىز 530 مىڭ يۈەنگە يەتتى؛ 2017- يىلى يەنە مىليون يۈەنلىك <خالىس ياردەم> سېلىنمىسىغا ئېرىشىپ، 106 ھەمراھلىق دۇكىنى ئاچتۇق. بۇ يىل 500 سودىگەر بىلەن ھەمراھلىشىپ، شىنجاڭنىڭ <ئەلى بابا>سىنى قۇرۇشنى پىلانلىدۇق». ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى «يوۋگۇ» ئېلېكتىرونلۇق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەينى- كەينىدىن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرگە 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قىلغان جاپالىق ئەجرى سىڭگەن.

  شيا فەنشياڭ ئىلگىرى مەلۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە ئىشلىگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا يىلىغا 250 مىڭ يۈەن مائاش ئالاتتى. بۇ، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى مائاش ھېسابلىناتتى. بىراق شيا فەنشياڭ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلەنمىدى، ئۇ كۈچلۈك خىرىسقا، تېخىمۇ رەڭگارەڭ بولغان كىشىلىك تۇرمۇشقا تەشنا ئىدى.

  ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىكى خىزمەت شيا فەنشياڭغا چەت ئەلگە چىقىش قولايلىقى يارىتىپ بەرگەن، بەش يىللىق خىزمەت داۋامىدا ئۇ دائىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئۇچۇپ بېرىپ، نۇرغۇن مەھسۇلات مەنبەسىگە ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا چېگرادىن ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز تەرەققىي قىلغان مەزگىل بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدە ئورنى شيا فەنشياڭغا چېگرادىن ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرغان. شيا فەنشياڭ ئەتراپلىق ئويلانغاندىن كېيىن، 2015- يىلى 9- ئايدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 16- كۈنى شىنجاڭ يىپەك يولى «يوۋگۇ» ئېلېكتىرونلۇق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك چېگرادىن ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە تارتقۇلار سۇپىسى تەسىس قىلغان.

  شيا فەنشياڭ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى، شىركىتىمىزنىڭ چەت ئەل ماللىرى سودا شەھەرچىسى ئېچىلدى، بىر ھەپتە ئىچىدە ئۈندىداردىكى ئەگەشكۈچىلىرىمىز 25 مىڭ كىشىگە يېتىپ، تۇنجى كۈنىدىكى سېتىش سوممىمىز 5000 يۈەندىن ئاشتى. شۇ يىلى <11- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى>دە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سېتىش سوممىمىز 530 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپ تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. شيا فەنشياڭ كوللېكتىپنى باشلاپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش رايونىغا ماكانلاشقاندىن كېيىن، 4- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چېمپىيون بولۇپ، 50 مىڭ يۈەنلىك ئىگىلىك تىكلەش مۇكاپات سوممىسىغا ئېرىشكەن. مۇسابىقىگە قاتناشقان مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش مەركىزى قۇرۇپ، مالنى ئۈرۈمچى- سانجى رايونىدا 36 سائەت ئىچىدە يەتكۈزەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن.

  لېكىن ئىگىلىك تىكلەش ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. شيا فەنشياڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يىل بويى ھەممە ئىشنى ئۆزۈم ئويلىشىپ، ئۆزۈم تەدبىر بەلگىلەيمەن، ھەر كۈنى كېچە سائەت ئىككىگىچە ئالدىراش ئىشلەيمەن، چاغاندىلا بىر نەچچە كۈن دەم ئالالايمەن.

  شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە بازار مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شيا فەنشياڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى نىشانىنى جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىغا يۆتكىدى. 2017- يىلى 3- ئايدا، ئۇلار جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ قارىمىقىدا «ئالىي بازار» قۇردى. شيا فەنشياڭ مۇنداق دېدى: نىشانىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تاۋارلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكىلەرنىمۇ سۈپەتلىك ھەم ئەرزان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  بۇ يىل شيا فەنشياڭ يەنە يېڭىچە سودا ئەندىزىسىنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرچە كۆچمە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى تەسىس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ياش ئابۇنىچىلارنىڭ توردا دۇكان ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

  شيا فەنشياڭ كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: بىز 300 نەپەر ھەر مىللەت ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز، 100 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت ياشنىڭ ئاز تەننەرخ بىلەن ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىمىز؛ 500 ھەمكارلىق دۇكىنىنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئەلى بابا»سىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر