ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بۆدۈنە باقمىچىلىقىدىن ئېچىلغان بېيىش يولى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ ياپىڭ، ليۇ جىڭ

2018.06.20 11:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ شويىڭپەن بازىرى خارگىنتى توخا كەنتىدىكى بۆدۈنە باقمىچىلىق ئورنىدا يۈ لىخۇڭ بۆدۈنە تۇخۇملىرىنى كىچىك داسقا ئاۋايلاپقىنە تىزىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بازاردا بۆدۈنە تۇخۇمى ئېھتىياجنى قامدىيالمايۋاتىدۇ، ھەر ئىككى كۈندە 20 مىڭغا يېقىن بۆدۈنە تۇخۇمى سېتىۋاتىمەن. بۆدۈنە باقمىچىلىقى توخۇ باقمىچىلىقىغا قارىغاندا ئىنچىكىلىكنى بەكرەك تەلەپ قىلىدۇ، تېمپېراتۇرا، نەملىك، يەم- خەشەك ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ.

  بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن يۈ لىخۇڭ خارگىنتى توخا كەنتىدىكى تۇنجى بۆدۈنە بېقىش ئائىلىسى. تېخى ئىككى يىل ئىلگىرىلا ئۇ ئېرى بىلەن سىرتتا ئىشلەيتتى. 2016- يىلى يۈ لىخۇڭ بىر دوستىنىڭ بۆدۈنە تۇخۇمىنى توپ سېتىۋاتقانلىقىنى، سېتىش يوللىرىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىنى بىلدى. بۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك يۈ لىخۇڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئويى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

  شۇنداقتىمۇ يۈ لىخۇڭ نۇرغۇن بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، باقمىچىلىق ئورنىنى رەتلەپ، قەپەز ياساپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، يەم- خەشەك رېتسېپىنى تەتقىق قىلدى. ھەممە تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن، يۈ لىخۇڭ 2016- يىلى 9- ئايدا خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جياۋزو شەھىرىدىن 5000 بۆدۈنە چۈجىسى سېتىۋالدى.

  دەسلەپتە يۈ لىخۇڭ بۆدۈنە بېقىشنى توخۇ بېقىش بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىدى، لېكىن ئىش باشلىغاندىن كېيىن ئىشنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. چۈنكى بۆدۈنە چۈجىلىرىنىڭ چوڭلۇقى باش بارماقنىڭ چوڭلىقىچىلىكلا بولۇپ، ئۇلارنى قەپەزنىڭ ئىچىگە سالغاندا بىر پۇتى قەپەزدە بولسا، بىر پۇتى يەرگە چۈشۈپ قېلىپ، بەزىلىرى تېخى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلۈپ قالدى، بەزىلىرى قاناتلىرىنى قېقىپ قەپەزدە مەزمۇت تۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇ بۇ ئەھۋالنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دېرىزە تورى سېتىۋېلىپ، قەپەزنىڭ ئاستى قىسمىغا بىر قەۋەت قىلىپ ياپتى. كەينىدىن بۆدۈنە چۈجىلىرىنى بېقىش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە كىرىشتى. ئۇ بۆدۈنە چۈجىلىرىنىڭ يەم يېيىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يەم- خەشەكلەرنى ئېزىپ بەردى، بۆدۈنە چۈجىلىرىنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا، ئۇلارغا سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بەردى...

  يۈ لىخۇڭ بۆدۈنە باقمىچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن توردىن بۆدۈنە باقمىچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچىگە كېلىپ تېخنىكلاردىن تېخنىكا ئىگىلىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق ئەستايىدىل باقمىچىلىق قىلىپ، سالغان دەسمايىسىنى بىر يىلدىلا تاپتى.

  يۈ لىخۇڭ مۇنداق دېدى: بۆدۈنە ناھايىتى تېز چوڭ بولىدۇ، دەۋرىيلىكى قىسقا، بۆدۈنىنىڭ تۇخۇمدىن چىقىپ تۇخۇم تۇغۇشىغا تەخمىنەن 40 كۈنلا كېتىدۇ. تۇخۇم تۇغۇش ۋاقتى بىر يىل. بۆدۈنە تۇخۇمىدىن باشقا تۇخۇم تۇغۇشتىن توختىغان بۆدۈنىدىنمۇ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ھازىر باقمىچىلىق ئورنۇمدا 10 مىڭ بۆدۈنە بار، كۈنىگە تەخمىنەن 9000 ئەتراپىدا تۇخۇم تۇغىدۇ، يەم- خەشەك، ئادەم كۈچى قاتارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، يىلىغا 70 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  يۈ لىخۇڭ يىلدا 5000 بۆدۈنىنىڭ ھەر بىرىنى ئون يۈەندىن بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، ئالاتاۋ شەھىرىگە ساتىدۇ. ئۇنىڭ بۆدۈنە باقمىچىلىقىدىن پۇل تاپقانلىقىنى كۆرگەن نۇرغۇن دېھقان ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپ بۆدۈنە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. يۈ لىخۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە بۆدۈنە باقمىچىلىقى توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىمنى يەكۈنلەپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئۆگىتىمەن، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى يەنىمۇ ئاشۇرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل