ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

2018.06.17 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6- ئاينىڭ 13- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى مەزگىلدىكى داۋالاش- ساقلىق ساقلاشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەر بىر ئائىلىگە، ھەر بىر ئادەمنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، «ئادەتتىكى كېسەللەرنى يېزىدىن، چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىن، داۋالاش تەس، ئېغىر كېسەللەرنى شىنجاڭدىن چىقارمايلا داۋالاش» نىڭ كۆزلىمە نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، لېكىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. يېڭى مەزگىل، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش − خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى، ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى مەزگىلدىكى داۋالاش- ساقلىق ساقلاش خىزمىتىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، توغرا ساقلىق ساقلاش، ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپتىن، تولۇق دەۋرىيلىك قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل