ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ پاناما زۇڭتۇڭى ۋارېلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2018.06.14 12:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 13- كۈنى پاناما زۇڭتۇڭى جۇئان كارلوس ۋارېلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 6- ئايدا جۇڭگو پاناما بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. سىز بۇلتۇر 11- ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدىڭىز، بىز جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق مۇھاكىمە ۋە پىلانلاش ئېلىپ باردۇق. ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى بىلەن، جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇرۇقى پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بەرمەكتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاپ چىقارغان توغرا سىياسىي ھۆكۈمى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىردەك ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى. مەن جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- پاناما مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ۋارېلا تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، پاناما بىلەن جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇق ۋە ھازىرقى ھەمكارلىق ئاساسىدا، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ بىر يىللىق تارىخىي پەيتىنى كۈتۈۋالدى. مەن پاناما- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پاناما- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل