ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاپپارات-ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئەكبەر تۇرغۇن

2018.06.14 12:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر، بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسىدە ئوقۇغان، تۇرمۇش كەچۈرگەن بەش يىل جەريانىدا، ئىزچىل پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بەرگەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدۇم، ئەگەر پارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە غەمخورلۇق قىلمىغان، كۆيۈنمىگەن بولسا، شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان مەندەك ئۇيغۇر ياشقا نەدىمۇ بىلىم ئېلىش، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتى بولسۇن؟ پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىگە ئېرىشكەن ماڭا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت كادىر شىنجاڭدا سان- ساناقسىز. ھازىر ئاممىنىڭ داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ... بۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى، ئالاھىدە كۆيۈنگەنلىكىدىن بولدى. ۋىجدانىمىز بىلەن ئويلىنىپ كۆرەيلى، بىز يەنە نېمىشقا قانائەتلەنمەيمىز، يەنە نېمىدىن رازى بولمايمىز؟

  لېكىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پايدىدىن بەھرىلىنىۋاتقان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يۈرۈش قىلىۋاتقان پەيتتە، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىپ، بۆلگۈنچلىكنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزۈپ، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسى، قەبىھ جىنايى قىلمىشلىرىنى بارغانسېرى ئېنىق تونۇپ يەتتىم، «ئۈچ خىل كۈچ» ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى نۇرغۇن رەزىل جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلدى، ئۇلار كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنى ھەممەيلەن يوقىتىشىمىز كېرەك.

  مەن يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى دائىملىق ئىدىيەۋى ھالەت ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرىمەن. ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمدى سۈكۈت قىلمايمەن، يول قويمايمەن، زوراۋان- تېررورچىلاردىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شەمشەرنى قىنىدىن چىقىرىپ، ئاداققىچە ھايات- ماماتلىق جەڭ قىلىپ، قەتئىي يول قويمايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى خىزمىتىمنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل