ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

نىلقىدىكى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتى

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن خەۋىرى، فوتوسى

2018.06.14 12:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قاش دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ 2- چوڭ تارماق ئېقىنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 304 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدىكى 294 كىلومېتىرلىق بۆلىكى نىلقا ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە.
  5- ئاينىڭ 29- كۈنى، نىلقا ناھىيە مەركىزىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىلقا ناھىيەلىك ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىغا نەچچە يۈز كەنت ئاھالىسى يىغىلغانىدى. ئۇلار خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، يەرلىكتىكى دېھقان- چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەنىدى، بۇ ئەترەت بۇ يىل 3- ئاينىڭ 30- كۈنى 55 ياشلىق پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، قازاق ئايال باھار دۈيسەنباينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان.

  ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، كەنتتىكى ئەخلەتلەر ئىزچىل سىرتقا توشۇلماي، ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىگە، يول بويىغا، ئېتىزلىقلارغا خالىغانچە تاشلاپ قويۇلدى. بەزى كەنت ئاھالىسى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى دەرياغا تۆكۈپ ئېقىتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەخلەت قاش دەرياسىنىڭ جىرالىرىدىكى تاشلارنىڭ، ئوت- چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالدى. باھار دۈيسەنباينىڭ بۇرۇنلا دەريانى تازىلاش ئويى بولسىمۇ، بىر ئادەمنىڭ كۈچى بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلاتتى.

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قار- مۇز ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئەخلەتلەر يەنە ئوچۇقچىلىققا چىقتى، بۇنى كۆرگەن باھار دۈيسەنباينىڭ ئىچى تىتىلدىدى. ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك كۇرستا كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تەشۋىق قىلىنغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى سۆزلەندى. باھار دۈيسەنباي ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئۈندىدار توپىدا ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەرە باقمىچىلىق مەيدانى بىزنىڭ ئائىلىمىز، قاش دەرياسى بىزنىڭ ئانا دەريايىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەريا ۋە كۆللەرنى قوغداش خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن. بىز ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇرت- ماكانىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  باھار دۈيسەنباينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 3- ئاينىڭ 30- كۈنى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، جۈمە كۈنى سەھەردە خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەر ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدىكى كىچىك مەيدانغا دەل ۋاقتىدا يىغىلدى. 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا قىرغىقىدىكى ئەخلەتلەر تازىلىنىپ، توشۇپ كېتىلدى. دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ سانى بىلىپ- بىلمەي كۆپەيدى. 5- ئاي كىرىشى بىلەن، ھەر قېتىملىق دەريا تازىلاش ھەرىكىتىگە 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئېرىقلار پاكىزلاندى، دەريا سۈيى سۈزۈكلەشتى، كەنت مۇھىتى گۈزەللەشتى.

  قاش دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ 2- چوڭ تارماق ئېقىنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 304 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدىكى 294 كىلومېتىرلىق بۆلىكى نىلقا ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە. «دەريا باشلىقى تۈزۈمى» خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى يېزا- بازار، كەنتلەرنى قاپلىغان ئۈچ دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسىنى قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، ناھىيە تەۋەسىدىكى 56 ئېرىق- ئۆستەڭ، ئۈچ سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دەريا باشلىقى تىزىملىكىنى تۈزدى. باھار دۈيسەنباي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزدىن ئانا دەريانىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئەترىتىگە قاتنىشىشىمىز يۇرتىمىزنىڭ تېغىنىڭ داۋاملىق يېشىل، سۈيىنىڭ مەڭگۈ سۈزۈك بولۇشى ئۈچۈندۇر.
  نىلقا ناھىيەلىك ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدىكى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەر 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قاش دەرياسى بويىغا ماڭماقتا.
  نىلقا ناھىيەسى نىلقا بازىرىدىكى دەريا چارلىغۇچى جاناس مۇقامەتقان 5- ئاينىڭ 31- كۈنى قاش دەرياسى بويىنى چارلىماقتا. دەريا باشلىقى تۈزۈمى نىلقا ناھىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى.
  خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەر 5- ئاينىڭ 29- كۈنى دەريا بويىدىكى ئەخلەتلەرنى توشۇماقتا.
  نىلقا ناھىيەلىك ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدىكى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەر 5- ئاينىڭ 29- كۈنى قاش دەرياسى بويىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىماقتا.
  خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى باھار دۈيسەنباي 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كۆپچىلىككە «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى تەشۋىق قىلماقتا.
  نىلقا دەرياسى سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجراچىسى مۇرات جالغاسبېك 5- ئاينىڭ 30- كۈنى مۇخبىرغا قاش دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى تونۇشتۇرماقتا.
  بىر جۈپ ياش 5- ئاينىڭ 31- كۈنى نىلقا ناھىيەسىدىكى بىنخې باغچىسىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە.
  نىلقا ناھىيەسى ئاھالىلىرى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى بىنخې باغچىسىدا بەدەن چېنىقتۇرماقتا. قاش دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، بۇ باغچە كىشىلەرنىڭ ئارام ئالىدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايىغا ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل