ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى

2018.06.14 12:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر شەھىرى بۇلتۇردىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز جايى ۋە يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  قەشقەر ئوتتۇرا- جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان قەشقەر «خۇڭشۇاڭ» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەلىكىگۈل توختى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى ساپئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ھازىر تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  ساپئېرىق كەنتىدىكى ئەنۋەر لېتىپنىڭ قەشقەر ئوتتۇرا- جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن سىرتلاردا ۋاقىتلىق ئىشلىگەچكە، مۇقىم كىرىمىم يوق ئىدى، شۇڭا تۇرمۇشۇممۇ غورىگىل ئۆتەتتى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا زاۋۇتتا ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم. نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاشقا ئىشەنچىم كامىل.

  ئۇقۇشىمچە، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. كارخانىلار قەشقەرگە ماكانلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى جەلپ قىلغان، ئارتۇق ئەمگەكچىلەر كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر