ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كۇچا ناھىيەسى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى جەلپ قىلدى

2018.06.14 12:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت ئىسمايىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى ناھىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى.

  بۇ ناھىيە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ناھىيەنىڭ «1- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»ى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانا ۋە سودىگەرلەرنى كۇچاغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، نەتىجىدە، كۇچاغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانا ۋە سودىگەرلەر يىلسېرى كۆپەيدى.

  بۇ ناھىيە بۇ يىل 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچاغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىرغىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شەھەر ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جۇڭگو نىفىت- خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى شۆبىسى، «كەيلۇئەن» گۇرۇھى، «شۈجۇ» كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا داڭلىق ئالتە كارخانا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق كارخانىدىن 23 ى ماكانلاشتى، ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە سانائەت كارخانىسى 121 گە، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىسى 55 كە يېتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر