ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئىقتىسادنىڭ يېشىللىشىشى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش

− ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي

2018.06.14 11:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ئىقتىسادىي تەھلىل

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى ۋە قومۇل شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قىلىنغانلىقىغا بىر يىل بولغان مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 5- ئاينىڭ 27- كۈنى يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزۈلمە مېخانىزمى، سىياسەت ۋە مەھسۇلات كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نۇسخا ئالغىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن يەكۈنلەپ چىقىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى باشقا تۆت ئۆلكىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇشىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك سىناق رايونى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


        كۆرۈنەرلىك دەسلەپكى ئۈنۈم:
    كارخانىلار يېشىل كىرېدىت ۋە مۇلازىمەتتىن مەنپەئەتلەندى

  شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مېتانول ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى تۈر يولغا قويۇلدى، بىرى، سۇ بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش تۈرى، يەنە بىرى، سۇ تېجەش تۈرى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى سۈي پېڭچېڭ مۇنداق دېدى: 3- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بۇ ئىككى تۈر ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى قومۇل شەھەرلىك سودا بانكىسى يېشىل كىرېدىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، قومۇل شەھەرلىك سودا بانكىسى بۇ ئىككى تۈر ئۈچۈن 10 مىليون 400 مىڭ يۈەن قەرز پۇل تارقاتتى، قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئادەتتىكى قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن 3.63 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

  بۇ ئىككى تۈر قومۇل شەھىرىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. يېشىل پۇل مۇئامىلە دېگىنىمىز − قەرز بېرىش، خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىش، زايوم ۋە پاي چېكى تارقىتىش، سۇغۇرتا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مەبلەغنى مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ.

  بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، يېشىل ئىقتىسادنى ئاۋۋال يېتىلدۈرۈش، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى خىزمەت تەلىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، 28 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: بىز يەنە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئاقىللار ئامبىرىنى كىرگۈزۈپ، سىناق رايونى بىلەن جۇڭگو پۇل مۇئامىلە ئىلمى جەمئىيىتى يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسپى كومىتېتى، جۇڭگو مەبلەغ سېلىش جەمئىيىتى يېشىل تەرەققىيات مەركىزى، خەلقئارا يېشىل ئىقتىساد جەمئىيىتى، بېيجىڭ مۇھىت بېرژىسى قاتارلىق چوڭ ئاقىللار ئامبىرىنىڭ جىپسىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدۇق، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ياسىمىچىلىق، نېفىت- خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېشىللىق تىپىغا ئۆزگىرىشى ۋە يېشىللاشتۇرۇشقا ئۆزگىرىشىدە، شۇنداقلا ئايلانما ئىقتىساد، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى يېشىل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېشىل پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇردۇق.

  ئېلىمىزدىكى بەش سىناق رايونى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېشىل تۈر ئامبىرى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، يېشىل تۈرنى تۇتقا قىلىپ، يېشىل تۈرلەرنى قوللاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ يېشىل ساھە، يېشىل كەسىپكە مۇجەسسەملىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ سىناق رايونىدا 365 «ساپ يېشىل» تۈر يېشىل تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى.

  گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىز يەنە پۇل سىياسىتى ۋاسىتىسىنىڭ ئىلھام بېرىش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىنى قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ <يېشىل كەسىپنى كۆپەيتىشكىلا بولىدۇ، ئازايتىشقا بولمايدۇ، يېشىل ئەمەس كەسىپلەرنى ئازايتىشقىلا بولىدۇ، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ> دېگەن ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ قائىدىسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدۇق.

          بوغما ھالەت چەكلىمىسى:
    سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ

  چەكلىك مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «يېڭى نورمال ھالىتى» شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى بەلگىلىگەن.

  گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يېشىل پۇل مۇئامىلە مۇھىتنى ياخشىلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بايلىقتىن تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ھەرىكەتنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۇل مۇئامىلە كەسپى يېشىل تۈرنىڭ مەبلەغ پايدا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۇل مۇئامىلە، مالىيە، ئىجتىمائىي كاپىتال قاتارلىق بايلىقلارنى يېشىل ئىقتىسادقا يېتەرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ كىرگۈزۈشكە يېتەكلەپ ۋە قوزغاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  ئەمما، ئاپتونوم رايونلۇق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا يەنە سۈرئەت ئاستا، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش يېتەرلىك بولماسلىق، كەسىپ ئاجىز بولۇشتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  ئۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىدۇ، بىر تەرەپتىن، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەمەلىي ئىقتىساد ئەندىزىسى بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن، يۈرۈشلەشكەن پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتى بولۇشى كېرەك، ئىككىسى مۇكەممەل جىپسىلاشتۇرۇلسا، ئاندىن پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونىنىڭ ھازىر بۇ ئىككى جەھەتتە ئىشلىگەن خىزمەتلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

  يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: سىناق رايونىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلىگە قاتنىشىش دەرىجىسى تېخى يۇقىرى ئەمەس، يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇپ، يېشىل كىرېدىتنى ئاساس قىلىدۇ، يېشىل سۇغۇرتا كۆلىمى كىچىك بولغانلىقتىن، يېشىل فوند دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قاتارلىق يېشىل تۈرلەرنىڭ يېشىل ھوقۇق- مەنپەئەت سودىسى بازىرى تېخى ئورنىتىلمىدى، يېشىل مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش، كۆچمە تاشقى مۇھىت ۋە سىياسەتنىڭ يۈرۈشلىشىشى تازا مۇكەممەل ئەمەس.

        تەرەققىياتنى تېزلىتىش:
    سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچىدۇ

  سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا، ئۈچ سىناق رايوننىڭ ئاساسلىق ھۆكۈمەت رەھبىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتىكى ۋە يېشىل تەرەققىياتتىكى 1- مەسئۇل كىشى بولۇپ، رايون ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى سىناق رايونلىرى يېشىل ئىقتىسادنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل ئىقتىساد ۋە يېشىل كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشى، ئىلگىرى ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشى كېرەك، يېشىل كەسىپكە سودىگەر چاقىرىپ، يېشىل تېخنىكا كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭىچە يېشىل كەسىپنىمۇ يېتىلدۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە كاپىتالى ئارقىلىق ھەر قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى ئالدىن يارىتىشى كېرەك. يېشىل بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېشىل ئىقتىساد كەسىپ كۆلىمىنى زورايتىپ، يېشىل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى پۇل مۇئامىلە ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بازارلاشتۇرۇش سودا تىجارەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىر قەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، يېشىل ئىقتىساد ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتقىلى بولىدۇ، بۇ، يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىنىڭ ئاچقۇچى.

  يېشىل پۇل مۇئامىلە «ئۈچ چوڭ جەڭ» ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يېشىل پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنى يېشىل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئەلئارا كاپىتالى ئارقىلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئېكولوگىيەلىك يېشىل تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە ساياھىتى، يېشىل ئورمانچىلىق ئىگىلىكىنى ئېچىش قاتارلىق نامراتلارنى ئازايتىش يېشىل تۈرى ۋە يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل قاتناش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئىستېمال ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلەرنى قوللاش كېرەك.

  يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆپ قاتلاملىق يېشىل پۇل مۇئامىلە تەشكىلىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: سىناق رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ۋە يېڭىچە يېشىل يېزا ئىگىلىكى تۈرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇل سىياسىتى قورالىدىن پايدىلىنىپ يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسى، مۇددىتى، ئۆسۈم نىسبىتى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يېڭىلاشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېشىل سۇپا، تور نۇقتىسى، تارماق بانكا قاتارلىق ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش كېرەك.

  يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىناق رايونى تۈر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېشىل تۈر ئامبىرى بەرپا قىلىشتا، يېشىل تۈر ئامبىرى ئۇچۇرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېشىل تۈر ئامبىرى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى تەكشۈرۈپ، يېشىل كەسىپ، يېشىل تۈرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجى بىلەن پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ساپ يېشىل» تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش كېرەك. «يېشىللىققا ئۆزگەرتىش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ 3- تەرەپ پۈتۈن جەريانىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش تۈرىنى قوللاپ يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى ۋە «ساپ يېشىل» تەلىپىگە تېزدىن يەتكۈزۈپ، يېشىل تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە ۋە ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر