ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھاياتلىق ئۈمىدى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىققا يەتكۈزۈلدى

شىنجاڭلىق يىگىت ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خېنەنلىك بالىغا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلدى

2018.06.13 12:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 6- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ئېلىش ئۆيىدە، بولات ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان «ئىنىسى»گە قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلدى. بۇ چوڭقۇر «مۇھەببەت» خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 16 ياشلىق بالىغا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈمىدى بېغىشلىدى.

  2011- يىلى 12- ئايدا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ سارداۋان يېزىسىدىكى قازاق يىگىت بولات 3- قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتى پىدائىيلار تىزىملىكىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازدى. «قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچى پىدائىي بولۇپ تىزىملاتتىم، بەلكىم بىر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىم مۇمكىن، بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟» دېدى بولات.

  2018- يىلى 2- ئايدا، بولات ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن كەلگەن: سىزنىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تىپىڭىز خېنەنلىك 16 ياشلىق بالىنىڭكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ماس كەلدى، سىز قان تەقدىم قىلىشنى خالامسىز؟ دېگەن مەزمۇندىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، بولات بۇنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتى، ئۇ ھازىر 38 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسى، ئۆيىدە ياشىنىپ قالغان ئاتا- ئانىسى بار ئىدى. بولۇپمۇ خوتۇنى ئۇنىڭ 60 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيدىغان جۇغىدىن ئەنسىرىدى. ئۇلار بىر دوختۇر دوستىدىن قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىش جەريانىنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن، خوتۇنى ئۇنىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىشىغا قوشۇلدى.

  2- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار بولاتنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، شەنشى قان مەركىزىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشىگە ئەۋەتىپ بەردى. بىر ئايدىن كېيىن، بولات ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، قان ئىشلىگۈچى ھۈجەيرە تىپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ماس كەلدى، دەپ جەزملەشتۈرۈلدى، بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاخىرلاشتى.

  6- ئاينىڭ 12- كۈنى سائەت 7 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، قان ئىشلىگۈچى غول ھۆجەيرە ئېلىش رەسمىي باشلاندى. بولات قىلچە جىددىيلەشمەستىن، خۇددى دوختۇرلاردەك خوتۇنىغا تەسەللى بېرىپ: ئادەم ئورگانىزمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئادەم بەدىنىدە ھايات تۇرۇش مۇددىتى يەتتە كۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن بەدەندە يېڭى ھۈجەيرىلەر ھاسىل بولىدۇ. قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، دەم ئېلىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلسىلا بەدەنگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.

  سائەت 13 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ئېلىش ئاخىرلاشتى. سائەت 16 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، 163 مىللىلىتىر قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كوللوئىد جېڭجۇغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا سېلىنىپ، ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 16 ياشلىق بالىنىڭ يېنىغا ئېلىپ مېڭىلدى.

  بولات مۇنداق دېدى: ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تىپى كۆپ ھاللاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماس كەلمەيدۇ، مەن شىنجاڭدا، ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىدە بولسىمۇ، قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تىپىنى ماسلاشتۇرۇش تاسادىپىي مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ بىر خىل قىسمەت، بىر خىل قانداشلىق، ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەت ھەقىقىي «قانداشلىق» مۇناسىۋىتى، ئۇ بالىنىڭ ھاياتىنىڭ ماڭا ئوخشاش مەنىلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇلتۇز ئىسمائىل مۇنداق دېدى: بولاتنىڭ ھەرىكىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەرھىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە، ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلار ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولاتقا ئوخشاش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتىغا پائال تىزىملاتقان پىدائىيلارمۇ بار، ئۇلار قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئۈمىد بېغىشلىغۇسى.

  ئىگىلىنىشىچە، بولات قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغان شىنجاڭ بويىچە تۇنجى، مەملىكەت بويىچە 2- قازاق پىدائىي ئىكەن. شۇ كۈنى جۇڭخۇا يىلىك ئىسكىلاتى شىنجاڭ شۆبە ئىسكىلاتىدىن ئىگىلىشىمچە، مەزكۇر ئىسكىلاتقا ھازىر 27 مىڭ 857 پىدائىينىڭ ماتېرىيالى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت پىدائىيلىرى %40 نى ئىگىلەيدىكەن. ھازىرغىچە، 72 پىدائىي ئاغرىقلارغا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل