ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرايلى

2018.06.13 12:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، گېزىتىمىزنىڭ «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» بېتى بۈگۈندىن باشلاپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى!

  يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدىكى بىر قاتار فاڭجېن- سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى باش تۇتقا.

  ھاللىق جەمئىيەتكە يېتىش- يەتمەسلىكتە يېزىلار ئاچقۇچ. بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋرگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ يېزا- كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى سەھىپە ئېچىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

  «شىنجاڭ گېزىتى» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش پارتىيە گېزىتىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە شەرەپلىك ۋەزىپىسى. «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» بېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قويغان «كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە قولغا كەلگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا، ئەتراپلىق خەۋەر قىلىدۇ.

  «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» بېتى ھەپتىدە بىر سان چىقىدۇ، ئىستونلىرىمىز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىدۇ، ئاساسلىق ئىستونلىرىمىزدىن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە نەزەر»، «گۈزەل يېزا- كەنتلەر»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا»، «مەدەنىي يېڭى كەيپىيات»، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ھەققىدە»، «يېزا- كەنتلەردىكى باشلامچىلار»، «يېزا- كەنتلەردىكى يېڭىلىقلار»، «يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرى»، «بېيىش دەستۇرى»، «مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ»، «يېزا كادىرلىرى مۇنبىرى» قاتارلىقلار بار.

  ئوقۇرمەنلەرنىڭ گېزىتىمىزنىڭ «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» بېتىنىڭ ياخشى چىقىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىنى بېرىپ، سۈپەتلىك ماقالىلەر بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر