ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەندى

2018.06.13 11:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش، ھويلا- ئارانلىرىنىڭ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئادەت، يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالغان زامانىۋى تۇرمۇشقا يۈزلەندى.

  يېقىندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرىدىن ۋاڭ شۇيىڭ بىلەن ئازاتگۈل ئابلەت قوشماقلاشقان تۇغقىنى يوپۇغا يېزىسىنىڭ مۇنجاقلىق كەنتىدىكى پاتەمخان قۇربان ۋە يېڭى مەھەللە كەنتىدىكى ئوبۇل مۇسالارنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ھويلا- ئارانلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ۋاڭ شۇيىڭ مۇنداق دېدى: بىز ھەر قېتىم تۇغقانلىرىمىزنى يوقلاپ كەلگەندە، كونا، قالاق تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىچە، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانىدۇق، مانا بۇ قېتىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.

  سىيەك يېزىسىنىڭ ئاقتىكەن كەنتىدىكى گۈلنار مۇسا مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىدە، ئۆيىمىز ۋە ھويلا- ئارانلىرىمىزنىڭ مۇھىتى يېڭىلاندى، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىمىزنىڭ تەشۋىق- تەربىيەسى ۋە ياردىمىدە مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشكىنىمىزدىن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر