ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇتۇق قازانغان قازانچىلىقلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رەخمەتجان ئەخمەت

2018.06.12 17:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  غۇلجا ناھىيەسىنڭ قارىياغاچ يېزىسى قازانچى كەنتىدىكى ئېردۆۋلەت باغدۆۋلەتنىڭ ئىلگىرى مۇقىم ئۆيى يوق ئىدى. ئۇ قىشتا باشقىلارنىڭ بىكار ئۆيىدە ئولتۇرسا، يازدا تاغدا چارۋا مال بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى تۆت جان پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىلەن 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن ئۆيگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان بولدى. قازانچى كەنتىدىكى ھەممە ئائىلە بۇلتۇردىن بۇيان ئېردۆۋلەت باغدۆۋلەتكە ئوخشاش پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. بۇ قازانچىلىقلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۇتۇق قازانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  قازانچى كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات كەنت ئىدى. كەنتتە 364 ئائىلە، 1360 ئاھالە، 1313 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، 154 نامرات ئائىلە، 588 نامرات ئاھالىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەنىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنتنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ياردىمى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىشلىدى. دەسلەپتە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتى بويىچە كەنتتىكى %90 دېھقان- چارۋىچىنى ئەمىن ئۆيگە ئىگە قىلدى. نامرات ئائىلىلەرگە 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن قىممىتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش چارۋىسى تارقىتىپ بەردى. ھېيتاخۇن مۇسا ئائىلىسى كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئۇنىڭغا نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن بىرنى بەرگەنىدى. ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ كالىسىنى تۈجۈپىلەپ بېقىپ، نەسىللەندۈرۈپ موزايلىتىپ، ھازىر كالىسىنى بەشكە يەتكۈزدى. باقىتجان ئابدۇكېرىمگە نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن 17 تۇياق تەگكەنىدى، ئۇمۇ بۇ قويلارنى كۆپەيتىپ، ئۆچكىگە ئالماشتۇرۇپ، ھازىر ئۆچكىسىنى 50 تۇياقتىن ئاشۇردى. كەنتنىڭ 188 مىڭ مودىن ئارتۇق ئوتلىقى بار ئىدى، كەنتتىكى دېھقان- چارۋىچىلار بۇ ئوتلاقتىن دۆلەتنىڭ 565 مىڭ يۈەن ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىمىسى ئالدى.

  كەنت چارۋا ماللارنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى چىڭ تۇتتى. 386 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، 600 دىن ئارتۇق كالىنى نەسىللەندۈردى. كالا نەسلىنى ياخشىلاشتا باشلامچى بولغان چارۋىچى بايدۆۋلەت مۇنداق دېدى: كالا نەسلىنى ياخشىلاشنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق، نەسلى ياخشى كالىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان موزىيىنى 5000 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، ھازىر ھەممە چارۋىچى كالا نەسلىنى ياخشىلاشقا يۈزلەندى.

  كەنت يەنە ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ- تېخنىكا، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى. بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن كەنجىباي پولات ناھىيەدە ئېيىغا 3500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان ساقچى ياردەمچىلىكىگە ئورۇنلاشتى. تىككۈچىلىك بويىچە تەربىيەلەنگەن پوچىناي نۇرمەمەت ناھىيەدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 1500 يۈەن ئىش ھەققى ئالىدىغان بولدى. ھازىر قازانچى كەنتىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ «بېيىشنىڭ دەرۋازىسى»نى ئاچقان ياش 50 تىن ئاشتى. مۇقەمەدى مۇقەمەتقان ناھىيەلىك باغ- ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە ئىشلەپ، ئېيىغا 2000 يۈەن ئىش ھەققى ئالسا، خوتۇنى قىدىرگۈل كامىلجان كەنتتە دۇكان ئاچتى. ئۇلار ئائىلىسىدە يەنە كىچىك يەم- خەشەك پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇپ، تىرىشقاننىڭ ھالاۋىتىنى كۆردى.

  بۇ كەنت يەنە نامراتلارنى يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى. 2 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 12 كىلومېتىر كەنت يولىنى ئاسفالتلاشتۇردى، 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى ھەل قىلدى. 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسى ياسىدى. ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ كەنتكە 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردەم قىلدى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى راخمان رەخمەتجان مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، كەنتىمىزدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۆز قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بىكار يۈرىدىغان كىشىلەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتۇق. ھازىر كەنتىمىزدىن يىلىغا 300 كىشى(قېتىم) سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپماقتا.

  بۇ كەنتتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى كىرىمى 9589 يۈەنگە يېتىپ، كەنت نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تايىر مايىر مۇنداق دېدى: نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان بولساقمۇ، ئۇتۇقلىرىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشمىساق بولمايدۇ. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا ئۈزلۈكسىز تىرىشىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل