ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

سوت مەھكىمىسى كەسكىن تەدبىر قوللاندى، ئۇششۇقلارنىڭ ھىيلىسى ئاقمىدى

−ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى «چاقماق ھەرىكىتى»نى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋلياڭ

2018.06.12 17:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى شەھەر بويىچە ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىش بىرلەشمە جېڭى − «چاقماق ھەرىكىتى»نى تۇنجى بولۇپ باشلىدى. بىر ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىش سوتچىلىرى كەينى- كەينىدىن ۋەدىنامە يېزىپ، كېچە- كۈندۈز دېمەي ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ ئۆيى، ئاپتوموبىل ئىسكىلاتى، ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئىشىكى، ئىشلەيدىغان شىركىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھۆكۈم ئىجراسىدىن قېچىپ يۈرگەن ئۇششۇقلارغا قاتتىق ھۇجۇم قوزغىدى.

  سوت مەھكىمىسى كەسكىن تەدبىر قوللانغانلىقتىن، ۋاقتىدا تۆلەپ بېرىلمىگەن قەرز پۇل قايتۇرۇۋېلىندى

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى سوتچىسى دېڭ جيې 5- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە مۇنداق دېدى: پۇلى بار تۇرۇقلۇق ئۇششۇقلۇق قىلىپ ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق، يالغان ئېيتىش، باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش، تۇتۇق بەرمەسلىك، ئۇششۇقلۇق قىلىپ قايتۇرماسلىقتەك رەزىل قىلمىشلارغا قارىتا، سوت مەھكىمىسى ئەمدى قاراپ تۇرماي، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىدۇ. شۇ كۈنىدىكى جەڭدە، بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى غەلىبە قىلدى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان بىر ئۇششۇق، سوتچىلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە نەق مەيداندا نېسى قالدۇرغان پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرگە تارقىتىپ بەردى.

  2010- يىلى 9- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم ئۆي - مۈلۈك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى 40 نەچچە مو ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى بۇزۇۋەتكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق ئىدارىسى 2014- يىلى 6- ئايدا بۇ شىركەتكە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈپ، شىركەتتىن ئالتە ئايغىچە يايلاققا سالغان ئىمارەتلىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇۋېتىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەم 54 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان.

  بۇ ئىدارە جازالاش بېكىتمىسىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، شىركەت ئىزچىل ئىجرا قىلمىغان. ئىدارە ئامالسىز سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان. ئىجرا قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان سوتچى بۇ شىركەت بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپ جاۋاب قايتۇرماي، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلمىغان.

  شىمىگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلغۇچىلىرى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاختۇرۇش بۇيرۇقىنى ئېلىپ، بۇ شىركەتكە بېرىپ، مالىيە خادىملىرىنى نەق مەيداندىن كېتىشكە بۇيرۇدى ھەم بۇ شىركەتنىڭ مالىيە بۆلۈمىنى ئاختۇردى.

  يوشۇرۇنۇۋالغىنىغا خېلى بولغان شىركەت مەسئۇلى سوت مەھكىمىسىنىڭ كەسكىن تەدبىر قوللانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شىركەتتە پەيدا بولدى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك جەرىمانە، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك چاتما جەرىمانىسى بولۇپ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دېلوغا چېتىشلىق پۇلنى بانكا تورى ئارقىلىق نەچچە مىنۇتتىلا تاپشۇرۇپ بولدى.

  ۋەكىل ۋە ئەزالار ھەرىكەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا شاھىت بولدى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى «چاقماق ھەرىكىتى»نى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ھۆكۈم ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 17- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ھۆكۈم ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى 178 مىڭ 43 يۈەن دېلو پۇلىنى قايتۇرۇۋالدى ھەم تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىگەن ئىجرا قىلىنغۇچىلارنى توختىتىپ قويدى. يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاختۇرۇش ئارقىلىق 70 مىڭ 85 يۈەن نەق پۇلنى قولغا چۈشۈردى، بانكا تۇتۇپ قېلىپ 43 مىڭ 567.8 يۈەن دېلوغا چېتىشلىق پۇلىنى ئاغدۇرۇپ بەردى، نىشانلىق ئىجرا قىلىنغان پۇل سوممىسى 372 مىڭ 914.8 يۈەنگە يەتتى.

  مەلۇم ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنى ئاختۇرغاندا، بۇ شىركەت خادىمى ئۇشتۇمتۇت قارشىلىق كۆرسەتتى، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كادىر- ساقچىلار قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئېيتقان بولسىمۇ، شىركەت خادىمى ئاختۇرۇشقا زوراۋانلىق بىلەن داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلدى. قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى بويىچە، كادىر- ساقچىلار كەسكىن ھالدا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ، بۇ خادىمنى سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىركەت مەسئۇلى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈم ئىجرا قىلغۇچى كادىر- ساقچىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتى. شۇ كۈنىدىكى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شاھىت بولۇشى ۋە نازارەت قىلىشى ئاستىدا ئورۇنلۇق، تەرتىپلىك ھەم قانۇنلۇق ئېلىپ بېرىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جاۋ يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش، لەۋزىدە تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر بىر كىشى ھەم نەپ ئالغۇچى، شۇنداقلا تۈرتكىلىك رول ئوينىغۇچى. بۇ خىزمەتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن لىجۈەن مۇنداق دېدى: بۇ ھەرىكەتتە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسەت − كۆپچىلىكنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ئىجرا قىلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش» ھەرىكىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈندۇر.

  «چاقماق ھەرىكىتى» تېرە تاراقشىتقانلىق ئەمەس

  ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كادىر- ساقچىلىرى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى ئىجرا قىلىنغۇچى ئا Xنىڭ ئۆيىگە بارغان بولسىمۇ، ئۇنى تاپالمىدى.

  2012- يىلى 7- ئايدا، ئا Xنىڭ قوشنىسى ئاپتوموبىل ۋەقەسىگە ئۇچراپ يارىلىنىپ، دەۋادا 37 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم چېكىگە ئېرىشتى، ئەمما ئۆزى ساۋاتسىز بولغاچقا، چەكنى ئا Xكە نەقلەشتۈرۈپ بېرىشكە بەردى، ئويلىمىغان يەردىن ئا Xتۆلەم پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى.

  ھۆكۈم ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئا X ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل قايتۇردى، كېيىن سوتچىغا تۇتۇق بەرمىدى. شۇ كۈنى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى كادىر- ساقچىلار بىر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا يىپ ئۇچى تېپىشقا بارغاندا، ئا Xنىڭ موتوسىكلىت مىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. كېيىن ئا X قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئا Xنىڭ ئۆيىدىكىلىرى قالغان دېلو سوممىسىنى سوت مەھكىمىسىگە قايتۇردى.

  سۈن X ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بانكا بىلەن 2014- يىلى «شەخسلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش كېپىللىك قەرز پۇل توختامى»نى ئىمزالاپ، قەرەلى توشقاندا قەرزنى قايتۇرمىسام، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشنى ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن قوبۇل قىلىمەن، دەپ ۋەدە بەرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن سۈن X قەرز تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىگەچكە، بانكا سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىش ئىلتىماسى سۇنغان. ئىجرا قىلغۇچى سوتچى سۈن X بىلەن ئالاقىلەشكەندە، سۈن X ھەرخىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى قاچۇرغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسى ئۇنى لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلىنغۇچىلار «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈۋەتكەن، سۈن X قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى يەنىلا ئۆتىمىگەن. سوت مەھكىمىسى سۈن Xنىڭ نامىدا ئىككى يۈرۈش ئۆي بارلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بۇ ئۆيلەرنى قانۇن بويىچە مۆلچەرلەپ باھالاپ، كىمئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان. لېكىن سۈن X ئۇزاق مەزگىل ئىجرا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقتىن، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشمۇ بىر مەھەل توختاپ قالغان.

  ئىجرا قىلغۇچى ساقچى شۈ چۈەنلىن مۇنداق دېدى: تۆت كۈن ساقلاپ ئاخىر ئىجرا قىلىنغۇچىنى كۆردۇق، بىز ئۇنىڭغا قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ سەل جىددىيلەشتى ۋە ياۋاشلىدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆينى بىكارلاپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. ھازىر بۇ خىزمەت نورمال تەرتىپكە چۈشتى. قەرزنى قايتۇرۇۋېلىپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەزگىلىدىكى كەتكەن خىراجەتنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، قالغان پۇلنى سۈن Xكە قايتۇرۇپ بېرىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «چاقماق ھەرىكىتى» تېرە تاراقشىتقانلىق ئەمەس، بۇ ھەرىكەتتە ھەقىقىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇششۇقلارغا يوشۇرۇنۇۋالغۇدەك جاي قويماي، ئىجرا قىلىنغۇچىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل