ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى

2018.06.12 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنى قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تۈزەش ئۈچ ئايلىق بىرلەشمە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى مىنىبۇس ھەيدەشتىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەلىرىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېزىلارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنى قوغدايدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى مەزگىلىدە، بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە تەكشۈرتمىگەن، ۋاقتىدا بىراك قىلىنمىغان مىنىبۇس يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە سېلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇۋېلىش قىلمىشى ۋە نومۇر تاختىسى، كىنىشكىغا ئالاقىدار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ، يېزىلاردىكى مىنىبۇسلارنىڭ يول يۈرۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ نوپۇس تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى مىنىبۇس ئىگىلىرى بىلەن ۋەدىنامە ۋە مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاپ، ئۇزاقتىن بۇيان مەزكۇر تەۋەلىك رايونىدا ئىشلىتىلگەن سىرتنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئاسقان مىنىبۇسلارنى كۈندىلىك باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئۈچتىن ئارتۇق مىنىبۇسى بار شەخس ۋە يېزا بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ، شوپۇرلۇق مەكتىپى، يېزا- بازار كارخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى كەنتتىن چىقىش ئېغىزى، بازاردىن چىقىش ئېغىزى، تاغقا كىرىش ئېغىزى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترەتلىرى يېزا - بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇر توسۇش چاپلىقىنىڭ رەڭگى زىيادە قېنىق، نومۇر تاختىسى يوق ۋە ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى ئاسقان مىنىبۇسلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم بېسىش، قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇۋېلىش، نومۇر تاختىسى يوق ياكى كىنىشكىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى يەنە قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، يېزىلاردىكى مەكتەپ ۋە كارخانىلارنىڭ ئەتراپى، قاتناش تىرانسپورت بېكىتى، مەنزىرە رايونى، بازار قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا ئادەم توشۇغان مىنىبۇسلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغۇچىلارنى ئېنىقلايدۇ ۋە قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، ئېغىر دەرىجىدە نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل