ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تاغلارغا كۆچەت تىكىلدى، شەھەرگە سۇ باشلاندى، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىلدى، زېمىن يېشىللاشتى، ئاسمان سۈزۈلدى، شەھەر گۈزەللەشتى

ئۈرۈمچى يېشىل ئېكولوگىيە يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلدى

مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن

2018.06.10 13:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ياپيېشىل دەرەخ بىلەن قاپلانغان يامالىق تېغى چېنىقىش رايونىدا، جېڭجوۋدىن كەلگەن شى گۇاڭشوۋ بوۋاي تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدىن ئايرىلغىلى 17 يىل بولدى، ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ جاي ئىلگىرى قاقاس تاغ ئىدى، بىرنەچچە يىلدىلا بۇنداق ياخشى كۆكەرتىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ھازىر دەل- دەرەخلەر كۆپىيىپ، تاغلار يېشىللىشىپ، ھاۋاسى كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ ماس كەپتۇ.

  بوۋاينىڭ تەسىراتى ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى. ئۈرۈمچى دېڭىز- ئوكياندىن ئەڭ يىراق شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى نازۇك ھەم سەزگۈر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئالدى بىلەن «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى»، «كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تاغلارغا كۆچەت تىكىپ، شەھەرگە سۇ باشلاپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىپ زېمىننى يېشىللاشتۇردى، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.

    قاقاس تاغ يېشىل «تون» كىيدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، قاقاس تاغقا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلدى. پىلانغا ئاساسەن، 2017- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ئۈرۈمچى پىلانلاپ يولغا قويغان «تاغلارغا كۆچەت تىكىش» قۇرۇلۇشى 19 قاقاس تاغنى كۆكەرتىش تۈرىگە چېتىلىپ، كۆكەرتىلىش كۆلىمى 31 مىڭ 700 موغا، «زېمىننى يېشىللاشتۇرۇش» تۈرى كۆلىمى 268 مىڭ 600 موغا يېتىدۇ.

  يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونىنى ئۆزگەرتىش نەق مەيدانىدا، ئىلگىرىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى نەپىس شىپاڭ ۋە گۈل ھىدى قاپلىغان گۈلزارلىقلار ئىگىلىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش- دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې مىن مۇنداق دېدى: كەپىلىك رايونلار ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن بوشىغان يەرلەردە يېشىللىق، باغچە، سۇ مەنزىرىسى قاتارلىقلار كۆپەيتىلىپ، كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقى ئەڭ زور چەكتە كېڭەيتىلىپ، شەھەر ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئىگىلىشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئېكولوگىيەلىك باغ- ئورمان شەھىرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %41كە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 12 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، دۆلەت ئېكولوگىيەلىك باغ- ئورمان شەھىرى ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن.

    زۇمرەتتەك سۇ خەلقنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇردى

  ئىلگىرى قار- مۇزلار ئېرىگەندە چىققان سېسىق پۇراق كىشىنى سەسكەندۈرەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، نەنخۇدىكى كۆلدە ئويناۋاتقان ياۋا ئۆردەكلەرنىڭ شولىسى سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. مەيلى سەھەردە ياكى گۇگۇمدا بولسۇن، شەھەر ئاھالىسى يېشىللىققا پۈركەنگەن نەنخۇ خەلق مەيدانىدا سەيلە قىلىپ، ساپ ھاۋا، گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى تىرىشىپ شەھەر سۇ مەنزىرىسى بەلبېغى بەرپا قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا قەغەزگە يېزىلغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدى، ۋەدىسىنى بىر- بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل سۇغا دائىر ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى مەركەزلىك ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، قوغداش رايونىدىكى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى ياكى كۆچۈردى. سانائەت كۆجۈملەشكەن رايوندىكى پاسكىنا سۇنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئون كىچىك» كارخانىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خىزمىتى نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدى. پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پاسكىنا سۇ يىغىش تۇرۇبىسى تورى قۇرۇلۇشىنى زورايتتى. شىمىگو دەرياسى، سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ سۈيىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەريا سۇ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) فۇشىڭ كوچىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى رەڭسىزلەندۈرۈش پونكىتىنىڭ تۈر قۇرۇلۇش دىرېكتورى لى جياجيا مۇنداق دېدى: ھاسىلىي سۇ تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، پاسكىنا سۇ ئۆزگەرتىلىپ كۆكەرتىشكە ۋە مەنزىرە رايونىغا ئىشلىتىلىدۇ. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھاسىلىي سۇ ئومۇمىي مىقدارى 218 مىليون 200 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن ئۆزگەرتىلگەن يېڭى سۇ شەھەر تۇرمۇش سۈيىگە تولۇقلىنىپ، شەھەرنىڭ سۇ ئىشلىتىش بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلىدۇ.

    كۆك ئاسمان، يېشىل زېمىن، ياخشى مۇھىت

  20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، قىش كىرىشى بىلەنلا، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قاپقارا ئىس چىقىۋاتقان تۇرخۇنلارنى كۆرگىلى بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆك ئاسمان بارا- بارا بۇ شەھەرنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى»گە ئايلاندى.

  «ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنى بەكمۇ گۈزەل، قانداقلا جاينى سۈرەتكە تارتسام ئوخشاشلا گۈزەل مەنزىرە، قەيەر ئىكەنلىكىنى دېمىسەم، باشقا جايلاردىكى دوستلىرىم مېنى ساياھەتكە چىققان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ». ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شۆ جيەننىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە بۇ شەھەرنىڭ كۆك ئاسمىنى، قىش پەسلى، تاڭ نۇرى، كەچكى شەپىقى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلىرى خاتىرىلەنگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل «ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆمۈرنى تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، چاڭ- توزاننى تىزگىنلەش، ئاپتوموبىلنى تىزگىنلەش، رايون بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش- بىرلەشمە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بەش تىزگىنلەش تەدبىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. كۆمۈر ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، كۆمۈر قالىنىدىغان 19 مىڭ كىچىك پار قازاننى چېقىش، ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىمىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، پولات- تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ بۇلغىمىنى تەشكىلسىز قويۇپ بېرىشىنى تۈزەشنى تېزلىتىپ، نېفىت- خىمىيە قاتارلىق كەسىپلەردىكى پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەم بويىچە قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، ئەشيالارنى توشۇش ۋە قاچىلاش، چۈشۈرۈش جەريانىدىكى چاڭ- توزاندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى.

    سۇ مەنبەسىنىڭ «پاك تۇپرىقى» قوغدالدى

  قازاق چارۋىچى خالمۇرات 1- نومۇرلۇق مۇزلۇق ئەتراپىدىكى ئوتلاقنى ئىزچىل ياد ئېتەتتى، «ئۇ يەردە ئوت- چۆپلەر ناھايىتى ياخشى ئۆسەتتى، ياز كەلسىلا، قويلار سەمرىپ كېتەتتى». ھازىر، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇ يەرگە بېرىپ قوي باقالمايدۇ، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن كىشىنى سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۈرۈمچى دەرياسىنىڭ مەنبەسى دەل 1- نومۇرلۇق مۇزلۇق.

  ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، خالمۇرات چارۋىچىلار بىلەن ئۇ يەردە خالىغانچە مال باقاتتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر ئارقا- ئارقىدىن مۇزلۇققا كىرەتتى، مۇزلۇق تەۋەلىكىدە كان نۇقتىلىرى كۆپ ئىدى، بۇ رايوندا قار لەيلىسى قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى كولاش قىلمىشى قايتا- قايتا چەكلەنسىمۇ تۈگىمەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قاتتىق چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  بولۇپمۇ بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، 1- نومۇرلۇق مۇزلۇق، سەيۋوپۇ كۆلى قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويدى. تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى؛ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارغا قارىتا پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شىنشېڭ مۇنداق دېدى: «تاغلارغا كۆچەت تىكىش، شەھەرگە سۇ باشلاش، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشنى گازنى يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش، زېمىننى يېشىللاشتۇرۇش، ئاسماننى سۈزۈلدۈرۈش، شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش» ھەرىكىتى ئۈرۈمچىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىكى ئېنىق يول. بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىلمىي تەبىئەت قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاك تۇپراق، پاكىز شەھەردىن ئىبارەت «تۆت چوڭ ھەرىكەت»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جانلىق يېشىل ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر