ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى»

ئاق تېررورلۇق ئالدىدا چېكىنمىگەن ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىسى لى يۈەن

2018.06.08 12:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 4-ئىيۇن تېلېگراممىسى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى خۇيجوۋ شەھىرى بولو ناھىيەسىنىڭ يۈەنجوۋ بازىرى خەلق مەيدانىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە ئۈچ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەيكىلى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىش- ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن ئابىدە قويۇلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار مەيدانى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ھەيكەل تۆت مېتىر كېلىدۇ، بۇ لى يۈەننىڭ ھەيكىلى.

  لى يۈەن 1904- يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ بولو ناھىيەسى يۈەنجوۋ بازىرىنىڭ خېشەنلىۋۇ كەنتىدە تۇغۇلغان. لى يۈەننىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، 1919- يىلى 15 يېشىدا شياڭگاڭغا بېرىپ، «چاڭشىڭ» شىركىتىنىڭ بىر پاراخوتىدا ماتروس بولغان، 1921- يىلى سۇ جاۋجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭخۇا ماتروسلار سانائەت بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان، 1924- يىلى جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۇ جاۋجېڭ، لىن ۋېيمىن ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومى رەھبەرلىكىدىكى شياڭگاڭ ماتروسلىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتى ۋە گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئىشچىلار قوراللىق تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، كۈرەش جەريانىدا سىناقلاردىن ئۆتكەن.

  1925- يىلى كۈزدە، لى يۈەن سۇ جاۋجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم جۇڭخۇا ماتروسلار سانائەت بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتى ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1926- يىلى لى يۈەن پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن گۇاڭجوۋ مىللىي ھۆكۈمىتى مالىيە بۆلۈمى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش- تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئەترەتتىكىلەرنى يېتەكلەپ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان.

  1927- يىلى 4- ئايدا، گومىنداڭ يېڭى مىلىتارىستلىرى ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلىپ، «12- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، گۇاڭجوۋدا «15- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەن ھەم زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار ۋە ئىنقىلابچى ئامما قىرغىن قىلىنغان، لى يۈەن ئىسمىنى لى چاڭ، لى چۈەنگە ئۆزگەرتىپ، مەخپىي كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن، ئۇ شياڭگاڭ ۋە گۇاڭجوۋ ماتروسلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشچىلار ئارىسىدا داۋاملىق ئىنقىلابنى تەشۋىق قىلىپ، گۇاڭجوۋ ئىشچىلار مەخپىي قوراللىق كۈچىنى تەشكىللەش ۋە قۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى قىشتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

  1927- يىلى 11- ئايدا، لى يۈەن ئىشچىلار قوراللىق كۈچىنى تەشكىللەپ، يارىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان گۇاڭجوۋ ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى جوۋ ۋېنيۇڭنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىققان. شۇ يىلى 12- ئايدا، لى يۈەن گۇاڭجوۋ ئىشچىلار قوراللىق كۈچىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ، مەشھۇر گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەم ئىشچى قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىنى يېتەكلەپ، گۇاڭجوۋنىڭ چاڭتى ئەتراپىدا گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا كەلگەن ئەكسىيەتچىل قوشۇنغا زەربە بەرگەن.

  گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئاساسىي قىسىم ئامالسىز گۇاڭجوۋدىن چېكىنگەن، لى يۈەن قوزغىلاڭغا قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، قىسمەن ئىشچىلار قوراللىق كۈچىنى يېتەكلەپ، چېكىنگەن قوزغىلاڭچى قىسىمنى قوغدىغان.

  1928- يىلى 1- ئايدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن، 2- ئايدا چيۇڭيا (ھازىرقى خەينەن ئۆلكىسىدە)غا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چيۇڭيا ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، شۇ يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت شۇجىسى، كېيىن شۇجىسى بولغان.

  1928- يىلى 7- ئايدا، موسكۋادا ئېچىلغان پارتىيە 6- قۇرۇلتىيىدا، لى يۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان (خىزمەت سەۋەبىدىن لى يۈەن قۇرۇلتايغا قاتنىشالمىغان).

  لى يۈەن 1928- يىلى كەچ كۈزدە يوشۇرۇن ھالدا شەرقىي گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، پارتىيە 6- قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى يەتكۈزگەن ھەم پارتىيە خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى خوتۇنىغا مۇنداق دېگەن: ئېغىر ئاياغ بولۇپ قالدىڭىز، ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارسىڭىز بولمايدۇ، مۇبادا بەختكە قارشى قۇربان بولسام، بالىمىز ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن، بالىمىزغا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۈچۈن قىساس ئېلىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش توغرىسىدا تەربىيە بېرىڭ.

  لى يۈەن داپۇدىكى سەنخېباغا كەلگەندە، بەختكە قارشى ئەكسىيەتچىل ھەربىي، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدە دۈشمەن ئۇنى رەھىمسىزلەرچە قىيىن- قىستاققا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ باشتىن- ئاخىر تىز پۈكمىگەچكە، دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، 24 يېشىدا قۇربان بولغان.

  لى يۈەن قۇربان بولۇپ 90 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ يۇرتى گۇاڭدۇڭ خۇيجوۋ شەھىرى بولو ناھىيەسى يۈەنجوۋ بازىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ بازار مەملىكەت بويىچە كىچىك شەھەر- بازار قۇرۇلۇشىدىكى سىناق نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھاتنىڭ سىناق نۇقتىسى، جۇڭگودىكى راھەت كىيىم- كېچەكلەر داڭلىق بازىرى، دۆلەتنىڭ مۇھىت تازىلىقىدىكى ئىلغار بازار، دۆلەتنىڭ ئىشتاتلىق بازارلاردا يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان بازار ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە مائارىپتا كۈچلۈك بازار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئۈلگىلىك بازار، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە ئېكولوگىيەسى ياخشى بازار قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل