ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھەممىمىز تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، يېشىل تۇرمۇش بەرپا قىلايلى

مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا

2018.06.08 12:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، 915- يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇس بېكىتىدە، ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن سانجى شەھەر ئاھالىسى ياڭ يۈلەن قولىدىكى قۇرۇق مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى. ئۇ گېزىتنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراشتا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار، قاراڭ، بۇ يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «پۇقرالارنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت ھەرىكەت قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)»نىڭ ھەربىر ماددىسى شۇنچىلىك كونكرېت تۈزۈلۈپتۇ، چوقۇم ئاڭلىق ئىجرا قىلىشىمىز كېرەك.

  6- ئاينىڭ 5- كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە «پۇقرالارنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت ھەرىكەت قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى ئېلان قىلدى، بۇ قائىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەش، يېشىل ئىستېمالنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، تۆۋەن كاربونلۇق يۈرۈش قورالىنى تاللاش، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاش قاتارلىق ئون نەچچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەممەيلەنگە يېشىل ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ بەردى. مەن شەھەر ئاھالىلىرى بۇنى قانداق چۈشەندى؟ قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاممىنى زىيارەت قىلدىم.

  ياڭ يۈلەننىڭ ئېرى ما يۇڭسەي مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم ھەقىقەتەن بىر مۇھىت ئاسرىغۇچى. ئۆيىمىزدە ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان سۇ تېجەيدىغان سولياۋ چېلەك بار، ئادەتتە يۈز- كۆزىمىزنى، كىيىم- كېچەكلەرنى يۇيغان سۇلارنى شۇ چېلەكتە ساقلاپ، يەر سۈرتۈشكە ياكى ھاجەتخانىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرۇشقا ئىشلىتىمىز، كۆكتات ۋە گۈرۈچ يۇيغان سۇنى ئۆيدىكى گۈللەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىمىز. بالىلىرىم ئاپىسىنى پىخسىق دېيىشكەندە، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن: شىنجاڭدا سۇ ئىنتايىن كەمچىل، بىزدە سۇ تېجەش ئېڭى بولمىسا، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قانداق ياشايدۇ؟ دەيدۇ.

  سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، چىراغنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈش، تاللا بازىرىغا بارغاندا خالتا ئېلىۋېلىش... ياڭ يۈلەن ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. خەۋەر كۆرۈشكە قىزىقىدىغان ياڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا بايلىق مەنبەلىرىدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاددىي- ساددا بولۇش، مۇۋاپىق بولۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشتا ھەممە ئادەم تولۇق كۈچ چىقىرىشى كېرەك، دېگەن.

  ھەممە ئادەم يېشىل تەرەققىياتنىڭ بىر ئەزاسى، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ يېشىللاشقاندا تەرەققىياتىمىز تېخىمۇ يېشىل بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى خۇالىڭ سودا بازىرىدىكى يەككە تىجارەتچى سۇڭ جيې مۇنداق دېدى: ئۆيۈم ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەندىكى لاۋجۈنمياۋ ئەتراپىدا بولۇپ، ئىلگىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا باراتتىم،7BRT- لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ ئادىتىمنى ئۆزگەرتتىم، ئىشقا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ 20- 10مىنۇتتىلا يېتىپ بارىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنىڭ ماي پۇلىنىمۇ تېجەپ قالىمەن، مۇھىت بۇلغىنىشىمۇ ئاز بولىدۇ.

  ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تاللاپ سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭگۇاڭشەندە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ جىڭ ھەر كۈنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بېرىپ- كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلى مايدىمۇ، توكتىمۇ ماڭالايدىغان ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاپتوموبىل. ۋاڭ جىڭ ئاپتوموبىلىدىن ناھايىتى رازى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئايدا 1000 كىلومېتىر يول يۈرسەم ماي پۇلى 200 يۈەنگىمۇ بارمايدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتتا توك بىلەن ماڭىمەن، چىقىرىدىغان كاربونى تۆۋەن ھەم مۇھىت قوغدىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولىدىكى بىر لايىھەلەش شىركىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بەي يىڭبىڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، بۇ تۈزۈم تۇرمۇشىمىزغا بەكمۇ يېقىن تۈزۈلگەن بولۇپ، يېتەكلەش رولى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. مۇھىت ئاسرىغۇچى پىدائىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قائىدىنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئالايلۇق، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ گىرادۇسىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، يازدا 26 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىق، لىفىتقا ئاز ئولتۇرۇش، پەلەمپەيدىن كۆپرەك مېڭىش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش، قەغەزنى تېجەپ ئىشلىتىش، ئېھتىياجغا قاراپ تاماق بۇيرۇتۇش قاتارلىق تەلەپلەر ئاددىي ھەم كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تۇرمۇشىمىز بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنى ئورۇندىشىمىز تەس ئەمەس. مەن بۇ ھەرىكەت قائىدىسىنى ئۈندىداردا دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويدۇم، ئۆزۈملا قائىدە بويىچە ئىش قىلماستىن، يەنە بالىلىرىمدا كىچىكىدىن باشلاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشۇم، ئۇلارنى گۈزەل جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىم كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل