ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز مۇھىت بايلىقىنى باشقۇرۇش- كونترول قىلىش سالمىقىنى زورايتتى

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولارنىڭ سانى ئاشتى

2018.06.08 12:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2017- يىلى 6- ئايدىن 2018- يىلى 5- ئايغىچە مۇھىت بايلىقى تۈرىدىكى دېلودىن 11 مىڭ 530 نى قاراپ چىقىپ بىر تەرەپ قىلغان، بۇ، 335 پارچە جىنايى ئىشلار دېلوسى، 11 مىڭ 186 پارچە ھەق تەلەپ دېلوسى، توققۇز پارچە مەمۇرىي دېلونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىت بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق تەلەپ دېلولىرى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى مۇھىت بايلىقى تۈرىدىكى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوتلاش، جازالاش ۋە تەربىيە بېرىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىت بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، خەلق ئاممىسىغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاڭلىق قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئازايتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇھىت بايلىقى سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ پىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭى داۋامىدا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللاندى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىدى؛ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، سۇغا ماي، ئىشقارلىق- كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇق، رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق قاتارلىق چىقىرىش مەنئى قىلىنغان بۇلغىمىلارنى قويۇپ بەرگەن ۋە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كېرەكسىز سۇ قويۇپ بېرىپ، سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىدى؛ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، زەھەرلىك، زىيانلىق بۇلغىمىلارنى قانۇنسىز قويۇپ بەرگەن، قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ساقلاش قاتارلىق تۇپراقنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىدى؛ نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقتى؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداشقا ئالاقىدار باشقا دېلولارغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، بۇلغىما پەيدا قىلغان ۋە بۇلغىما چىقارغان، تاشلاندۇق نەرسە ئەتكەسچىلىكى ۋە قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلاش، ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ۋە ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالىدى، مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىنى جازالىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى مۇھىت بايلىقى دېلولىرىنى مەخسۇسلاشتۇرۇپ سوتلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىت ۋە بايلىققا ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ مۇھىت بايلىقىنى كۆپ مەنبەلىك ئاسراش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ مۇھىت بايلىقىغا ئالاقىدار دېلولارنى سوتلاش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، زېمىنىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل