ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كۆكتات تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولغا ئايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گاۋ ياڭجۈن

2018.06.08 12:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئايگۈل سەمەت 6- ئاينىڭ 1- كۈنى پەخىرلەنگەن ھالدا: يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، بىر ياڭيۇنى ئۇشلاپ تۆتتىن ئارتۇق بىخلاندۇردۇق، ھەربىر بىخ بىر تال ئۇرۇق بولىدۇ، يەنە ئوت- چۆپ كۈلى ئارقىلىق باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىمىز، بۇنداق بولغاندا يېرىمدىن ئارتۇق تەننەرخنى تېجەپ، مايسا چىقىرىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دېدى.

  مەن ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتى 9- مەھەللىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېتىزىدا كۆچۈرۈلگەن ياڭيۇ مايسىلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق ئىكەنلىكىنى، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ قاتمال ئىكەنلىكىنى، زىرائەتلەرنىڭ پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنىلا قاندۇرالايدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا يېيىلغان كەنتىدىكىلەرنىڭ ئىلگىرى كۆكتات تېرىش ئادىتى بارلىقىنى، بىر قانچە يېزا بىلەن قوشنا ئىكەنلىكىنى، سېتىلىش يولىنىڭ راۋان ئىكەنلىكىنى بايقىغان. خىزمەت ئەترىتى دېھقانچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىغا، كەنتنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۈچتىن بىر قىسمىغا باغ- ئورمان، ئۈچتىن بىر قىسمىغا كۆكتات، ئۈچتىن بىر قىسمىغا ئوت- چۆپ تېرىپ، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش پىلانىنى تۈزگەن. ئۇلار ياڭيۇ، سەۋزە، بەسەي قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنى ئاھالىلەرنىڭ سىناق قىلىپ تېرىشىغا تارقىتىپ بەرگەن، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق، كۆكتات تېرىقچىلىقىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

  كەنت ئاھالىسى روزى يۈسۈپ مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: ھازىر خىزمەت ئەترىتى بىز تېرىغان ياڭيۇ، سەۋزە، بەسەي قاتارلىق كۆكتاتلار ئۈچۈن زاكازلىق سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىزگە خېرىدار ئۇقۇشۇپ بولدى، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ، ھەر بىر مو يەردىكى ياڭيۇدىن 2000 يۈەن، سەۋزىدىن 2000 يۈەن، بەسەيدىن 1500 يۈەن كىرىم قىلالىشىم مۇمكىن. توققۇز مو يېرىم بار، بۇ ئۈچ خىل كۆكتاتنى ئۈچ مودىن تېرىدىم، ۋاقتى كەلگەندە 16 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلالايمەن!

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەر ۋاقىت بازارنى كۆزىتىپ، ئېتىزلىقلارغا چېپىپ، ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، كەنت ئاھالىسىگە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىپ ۋە ئۇلارنى يۆلەپ، دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ جيەن مۇنداق دېدى: دېھقانلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردۇق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا يېتەكلىدۇق، يەنە ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردۇق، لاپاس ۋە ئۆينىڭ ئالدى- كەينىدىكى يەرلەردىن پايدىلىنىپ كۆكتات تەرگۈزدۇق. ھازىر 1000 مودىن ئارتۇق ئېتىزلىققا ھەر خىل كۆكتات تېرىلدى، يەنە 100 سولياۋ لاپاس كەلتۈرۈپ ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق ياردەم بېرىمىز. ھازىر كۆكتات تېرىقچىلىقى بارغانسېرى يېيىلغان كەنتىدىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى يولىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل