ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«بېيىش يولى تېپىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك»

2018.06.08 12:13 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى چارباغ كەنتى ئاھالىلىرى شاللىقتا ئىشلەۋاتاتتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن بۇ ئېغىر نامرات كەنتكە 1- شۇجىلىققا ئەۋەتىلگەن ۋېي لىخېڭ ئېتىز قىرىدا تۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىگە شال مايسىسى تىكىش ماشىنىسىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  چارباغ كەنتىدە 1074 كىشى بولۇپ، كىشى بېشىغا 0.8 مودىن تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ، ھازىر كەنت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس 589 غا يېتىدۇ. بۇ يىل 1- ئايدا ۋېي لىخېڭ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  كەنت ئاھالىلىرى شال تېرىشنى ئاساس قىلسىمۇ، ئەمما ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر كەمچىل، تېرىقچىلىقتا ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە تايىنىدىغان بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. «مايسا كۆچۈرۈشتە، ئۈچ كىشى بىر كۈندە ئاران بىرمو يەرگە مايسا كۆچۈرىدىكەن»،دېدى ۋېي لىخېڭ.

  ۋېي لىخېڭ ئىدارىسىنىڭ بىر قىسىم مەبلەغ ياردىمى بېرىشى، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسىم مەبلەغ ياردىمى بېرىشى بىلەن، 5- ئاينىڭ بېشىدا بىر مايسا تىكىش ماشىنىسى سېتىۋالدى. بىر مايسا تىكىش ماشىنىسى بىلەن بىر كۈندە 15 مو يەرگە مايسا تىكىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈردى.

  بۇ يىل كۈزدە ۋېي لىخېڭ يەنە بىر كومبايىن سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شال ۋە بۇغدايلىرىنى كومبايىندا ئورۇپ، تېرىقچىلىقنى ماشىنىلاشتۇرۇش يولىغا باشلاشنى پىلانلىدى.

  بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. يىل بېشىدا ۋېي لىخېڭ ئەتراپتىكى تۈەن- مەيدانلارغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ، ئۇ يەرلەردە ئەمگەكچىنىڭ كەملىكىنى بايقاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يېتەكلىمەكچى بولدى. لېكىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسى بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمىدى.

  ۋېي لىخېڭ نامرات دېھقان مەتتوختى مەمتىمىننى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەڭ سېنى ئۇن، ياغ بىلەن مۇكاپاتلايمەن، پۇل تاپالمىساڭ زىيىنىڭنى تۆلەپ بېرىمەن. بۇ سۆزلەر مەتتوختى مەمتىمىننى ئىنتايىن خاتىرجەم قىلدى.

  ۋېي لىخېڭ يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىلىرىگە پاختا تېرىش ۋە چىلان ئۈزۈش ئىشىنى ئالاقىلىشىپ بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنداق بولغاندا بۇ ئىشلەمچىلەر يىلىغا 50 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ. ۋېي لىخېڭ مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشسىلا، كېلەر يىلى تېخىمۇ كۆپ كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ.

  ۋېي لىخېڭ يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا- ئارانلىرىنىمۇ نەزەرىدىن ساقىت قىلماي، ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشنى موگۇ تېرىشتىن باشلىماقچى بولدى.

  ۋېي لىخېڭ بازار ئارىلاپ موگۇ باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئەمما موگۇنىڭ سىرتتىن توشۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  − مانا بۇ پۇرسەت، بىر چوڭ پارنىك ياسىغاندا، پارنىكنىڭ بىر كىۋادرات مېتىر يېرىدىن ئون نەچچە كىلوگىرام موگۇ ئالغىلى بولىدۇ، بۇنداق ھېسابات قىلغاندا بىر مو يەردىن 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، − دېدى ۋېي لىخېڭ. بۇ سان ئۇنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى، ئۇ موگۇ ئۇرۇقلۇقىنى ئالاقىلىشىپ، بىر نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ھويلىسىدا سىناق قىلىپ، ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ھامان كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.

  موگۇ ئۇرۇقلۇقى تېخى قولغا تەگمەي تۇرۇپلا، ۋېي لىخېڭ يەنە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىراشچىلىق، ھېرىپ- چارچاش ھېچقانچە ئىش ئەمەس، 1- شۇجى بولغان ئىكەنمەن ئامال قىلىپ بېيىش يولى تېپىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل