ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ماركسىزم تەربىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرايلى

مۇخبىرىمىز لۇ يەن

2018.06.08 11:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقى، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەر داشۆسىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ماركسىزملىق نەزەرىيە تەربىيەسىنىڭ بۇ مەكتەپتە قويۇق ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماركسىزملىق نەزەرىيە سەۋىيەسىنى قانداق ئۆستۈرۈش، ماركسىزملىق غايە- ئېتىقادنى قانداق چىڭىتىش ۋە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قانداق يېڭىلاش جەھەتلەردە قەشقەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى قىممەتلىك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش

  مەن 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، قەشقەر داشۆسىدىكى بىر دەرسخانىغا كىرگىنىمدە «ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ دۇنياغا كېلىشى» دېگەن دەرس ئۆتۈلۈۋېتىپتۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ 1- بابىدا نېمە مەزمۇن سۆزلەنگەن دەپ سورىغىنىدا، ئوقۇغۇچىلار بەس- بەستە جاۋاب بېرىشتى. ئوقۇتقۇچىنىڭ داۋاملىق يېتەكلىشىدە ما شۈ قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچى بىر- بىرلەپ مۇنبەرگە چىقىپ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ ھەر بىر باب- پاراگرافلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈردى. ما شۈ ماركسقا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئېنىق ئۇقۇم ھاسىل قىلغاچقا، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  قەشقەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئۆركەش ئەكرەم مۇنداق دېدى: مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ماركسىزملىق پەلسەپە بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى.

  قەشقەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنى ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيە ئوقۇتۇش- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى ۋۇ يەنخۇا مۇنداق دېدى: 1995- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئىجادچانلىق روھى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، بىز ھەمكارلىق شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، ماركسىزملىق «بەش قاراش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردۇق، نەزەرىيە ئۆگىنىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغىدۇق.

  قەشقەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈن يۆخۇڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش بازىسى، ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقات بازىسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئېكولوگىيە ئاساسىي بازىسىنى قۇرۇپ، ماركسىزم تەلىماتىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ماركسىزم نەزەرىيەسى ئوقۇتۇشىدا پائال ئىزدىنىپ، ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، پۈتكۈل گەۋدە خاراكتېرلىك، تەتقىقات خاراكتېرلىك ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزدۇق. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مەخسۇس تېمىدا ئوقۇتۇش، سېلىشتۇرۇش، مىساللارنى نەقىل كەلتۈرۈش قاتارلىق جانلىق ئۇسۇللارنى قوللاندۇق.

  قەشقەر داشۆسى يېڭى مەسىلە ۋە تەلەپلەر، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلار، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماركسىزمنىڭ تۈپ مەيدانى، نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ماركسىزم ئېتىقادى ۋە كوممۇنىزم غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىشىغا ياردەم بەردى.

  كىلاسسىك ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېتىقادنى چىڭىتىش

  «ئىلگىرى مەن ماركس بىزدىن ناھايىتى يىراق دەپ بىلەتتىم، ئۆگىنىش ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ماركسىزم بىزگە مەسىلىلەرگە دىيالېكتىك قاراشنى، ئىككى نۇقتىچىلىق ۋە مۇھىم نۇقتىچىلىقتىن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشنى ئۆگەتتى». بۇ، قەشقەر داشۆسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى.

  4- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەن قەشقەر داشۆسىنىڭ «ياشلارنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىش جەمئىيىتى»نىڭ پائالىيىتىگە قاتناشتىم، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بۇ مەكتەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئون نەچچە ئوقۇغۇچى ماركسقا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى، غايە ۋە ئېتىقاد ئۇچقۇنىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە چاقناۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

  چاڭ شياڭخۇا مۇنداق دېدى: نەزەرىمدىكى ماركس پىرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ مەنىۋى ئۇستازى، ماركسنىڭ كىلاسسىك ئەسلىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشەنگەندىلا، ئۇنىڭ مەنىۋى ئوزۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئۇنى تۇرمۇش ۋە كەلگۈسىنى پىلانلاشقا يېتەكچى قىلىشتا، ئۇلار ماركسىزمنى ئۆگىنىشنىڭ رېئال قىممىتىنى ھېس قىلدى. ما شۈ مۇنداق دېدى: ماركسىزملىق پەلسەپەنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ئەتراپلىق قارايدىغان بولدۇم، ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدىم، بۇ جەرياندا پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەندىم.

  بۈگۈنكى كۈندە «ياشلار ماركسىزم ئۆگىنىش جەمئىيىتى»، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى»دىن ئىبارەت ئىككى جەمئىيەت بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىشى ۋە تەشۋىق قىلىشىدا پائال رول ئوينىماقتا.

  قەشقەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئۆمەر مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ماركسىزم ئوقۇتۇشى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇش كېرەك. بىز ئوقۇغۇچىلارغا سىياسىي- ئىدىيەۋى تەربىيەسى بېرىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ماركسىزم نەزەرىيەسى تەربىيەسىنى ئاساس قىلدۇق، بۇ يىل بىز ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزم نەزەرىيەسى ئوقۇتۇشىنىڭ جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ماركسىزمغا چىن كۆڭلىدىن ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدۇق.

  قەشقەر داشۆسىدە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ماركسىزم تەربىيەسى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى غايىلىك، ئىرادىلىك، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل