ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بالىلارغا قىلىنغان ئەڭ ياخشى غەمخورلۇق

− جۇڭگو ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىنى زىيارەت

مۇخبىرىمىز ليۇ جىڭ

2018.06.08 11:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتى 2001- يىلى دۆلىتىمىز بىلەن خەلقئارالىق SOS بالىلار كەنتى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان ئون بالىلار كەنتىنىڭ بىرى بولۇپ، غەربىي شىمال رايونىدىكى بىردىنبىر SOS بالىلار كەنتى ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىر SOS بالىلار كەنتىدە 101 يېتىم بالا بار، 14 «ئانا» بۇ بالىلارنى باقىدۇ. ھەر بىر ئۆينىڭ كۆلىمى 150 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئالتىدىن سەككىزگىچە بالا بىر ئائىلىدە تۇرىدۇ. ئانا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يەردىكى «ئانا»لارمۇ دەل شۇ ئانىلىق رولىنى ئويناپ بالىلارغا «ئانا» بولۇپ، ئۇلارغا مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۇلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئۇلار ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، تاماق ئېتىش، بالىلارنىڭ كىر- قاتلىرىنى يۇيۇش، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ- ئەكىلىش، ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشتەك بىر قاتار ئىشلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 9- نومۇرلۇق ئائىلىدە تۇرىدىغان 12 ياشلىق ياڭ ياڭ بۇ ئائىلىدىكى پاكىز مۇھىت، ئىللىق بېزەكلەردىن سۆيۈنگەن ھالدا «بۈگۈن ئۆيلەرنى ئۆزۈم تازىلىدىم» دېدى.

  «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن، بالىلارنىڭ بارلىقى ئۈچۈن» دېگەن شوئار بۇ بالىلار كەنتىنىڭ شوئارى. دەل مۇشۇنداق ئائىلە باشقۇرۇش شەكلى يېتىم بالىلارنى ئانا مېھرى ۋە ئائىلە ئىللىقلىقىغا قايتا ئېرىشتۈردى. 19 يىل «ئانا» بولغان دېڭ چيۇڭ مۇنداق دېدى: مەن 12 بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ھازىر بىر نەچچە بالام ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۆيدە يەنە بەش بالام بار. بۇ يەردىكى بالىلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇققا، مېھىر- مۇھەببەتكە موھتاج، شۇڭا بىزمۇ بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق ۋە مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشمىساق بولمايدۇ.

  بالىلار كەنتىدىكى بالىلار كوللېكتىپ ئورۇنلىغان «قارا ياغاچ» ناملىق نومۇر 2014- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بالىلار ماھارەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن لوڭقا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان 14 ياشلىق موڭغۇل بالا ھازىر بالىلار كەنتىدىكى داڭلىق چولپانغا ئايلاندى.

  «ئۇ بالىلار كەنتىگە كەلگەندە ئىككى ياشتا ئىدى، مەن ئۇنى بىر قوللۇق بېقىپ چوڭ قىلدىم» دېدى شۈ چيې. ئىلگىرى بۇ كەنتتە ھېچكىم گەپ ئاڭلىتالمىغان بۇ «كەپسىز» بالا ھازىر «ئانا»نىڭ ئىللىق مۇھەببىتى بىلەن پىيانىنو چېلىشتا 8- دەرىجىدىن، ماتىچىڭ چېلىشتا 10- دەرىجىدىن ئۆتتى.

  جۇڭگو ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىن ۋېنخې مۇنداق دېدى: بىز بالىلارغا مەكتەپنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا، يەنە ئەخلاق تەربىيەسى، سەنئەت ئالاھىدىلىكى تەربىيەسى بېرىمىز. ھازىر بۇ يەردىكى 90 دىن ئارتۇق بالا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى يېتىلدۈرۈش دەرسىگە قاتناشماقتا.

  بالىلار كەنتى بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئۆزلىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇلارغا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە جەمئىيەتتىكى بالىلارنى ھەقسىز تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تەربىيە ئېلىپ باردى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مېھرىبان كىشىلەرمۇ ھەربىر ئائىلىگە بىردىن پىيانىنو ئىئانە قىلىپ، بالىلارنىڭ پىيانىنو ئۆگىنىشىگە قولاي شارائىت يارىتىپ بەردى.

  ئەلى 2012- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن NIKE لوڭقىسىنى تالىشىش ياشلار، ئۆسمۈرلەر تېنىس توپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، ئەيكې 2016- يىلى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر لوڭقىسىنى تالىشىش تېنىس توپ كوللېكتىپ لەۋھە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى، لو لو 2016- يىلى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت كەسپى بويىچە «كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش» بولۇپ باھالاندى.... مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇ كەنتتىكى نۇرغۇن بالا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرىغا ئايلانماقتا.

  يېتىم بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. SOS بالىلار كەنتىدىكى بالىلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. بالىلار كەنتىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ كۆپ قىسمىنى ھۆكۈمەت ئاجراتقان بولۇپ، ھازىر بالىلار كەنتى يەرلىك مالىيەنى ئاساس، جەمئىيەت ئىئانىسىنى قوشۇمچە قىلىش ئەندىزىسىنى قوللانماقتا.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى رېن جۈن: بىز مەبلەغ كاپالىتى جەھەتتە بالىلار كەنتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوللاپ، بالىلارنى تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇققا ئېرىشتۈرىمىز، بۇ يەردىكى بالىلارنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىپ، بالىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىشقا تىرىشىمىز، دېدى .

  نۆۋەتتە، جەمئىيەتتىكى كارخانىلار، ئىدارىلەر، شەخسلەر بەس- بەستە بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنماقتا. شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى 92.4 قانىلىنىڭ دىكتورى گاۋ يۈەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن تا ھازىرغىچە ئۇدا 15 يىل بۇ بالىلارغا ھەمراھ بولماقتا. «مەن ئىلگىرى ياردەم قىلىۋاتقان بىر بالا ھازىر شىئەندىن ئۆي سېتىۋالدى، ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، جەمئىيەتكە چىقىپ ياخشى خىزمەتكە ئېرىشسە، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولىمەن» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل