ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لى پېڭشىن شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار»قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭ ئېھتىياجلىق سوتسىيالىستىك داشۆ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2018.06.07 12:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 6- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى قايتا سەپەرۋەر قىلدى ۋە قايتا ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ داشۆسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىدا ئابىدە خاراكتېرلىك زور بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، چوڭقۇر مەزمۇنىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكلەرنى ئومۇميۈزلۈك جارى قىلدۇرۇپ، پەرقنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇپ، «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش» بۇرچ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شىنجاڭ ئېھتىياجلىق سوتسىيالىستىك داشۆ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەپ، شىنجاڭ داشۆسىنى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان، ماركسىزم ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىدىغان مۇستەھكەم بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭ داشۆسى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشنى يادرو قىلىپ، «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەركەز قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مېتودى ۋە ۋاسىتىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇش بىلەن پەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. پەن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ياردەمچى كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، پەن تەتقىقات تەشكىلىي ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دەرسلىك سىستېمىسىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە دەرسلىكنى باشقۇرۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دەرسلىكلەرنى باشقۇرۇش، تاللاپ ئىشلىتىش، تۈزۈش، تەكشۈرۈپ ئوقۇش ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سەرخىل، كەسپىي، ئالاھىدە، كۈچلۈك، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن قۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەم بېكىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە، قىممەت قارىشىنى يېتەكلەشنى ئوقۇش- ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى داشۆ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئوقۇتقۇچى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر