ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى»

سۈن جىنچۈەن: ئىنقلابچىلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ

2018.06.07 12:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. نەنجىڭدىكى «يۈخۇاتەي» ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىدا ئېكراندىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قىياپىتى LED چىرىغىنىڭ نۇرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ھەربىر ئىنقىلابىي قۇربان تارقاتقان ئېتىقاد نۇرىنىڭ ئىنقىلاب يولىدا چاقناپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغانىدى.

  سۈن جىنچۈەن دەل ئىنقىلاب يولىنى چاقناتقان «چەكسىز يۇلتۇزلار»نىڭ بىرى. سۈن جىنچۈەن 1895- يىلى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ شۇۋشيەن ناھىيەسىدە ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن باشلاپ نەنجىڭ، شاڭخەيگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1924- يىلى كۈزدە سۈن جىنچۈەن شاڭخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى پېڭ گەنچېن بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىدە ئىنقىلاب يولىغا ماڭغان.

  1925- يىلى 8- ئايدا، پېڭ گەنچېن قاتارلىقلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۈن جىنچۈەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم شاڭخەي- نەنجىڭ تۆمۈريول ئىشچىلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋۇسۇڭ ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، سۈن جىنچۈەن ئالاھىدە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان.

  شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيدە ئىشچىلار قوراللىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. سۈن جىنچۈەن 1926- يىلى 10- ئايدا پارتىيەنىڭ تەلىپى بويىچە ۋۇسۇڭ ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، شاڭخەي- نەنجىڭ تۆمۈريول لىنىيەسىنى ئۈزۈۋېتىپ، شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ئارقا سەپ ھەربىي تەمىنات لىنىيەسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا شارائىت ھازىرلىغان. 1927- يىلى 3- ئايدا، سۈن جىنچۈەن ۋۇسۇڭ ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، چوڭ كۆلەمدە ئىش تاشلاپ، شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ 3- قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. 3- ئاينىڭ 28- كۈنى سۈن جىنچۈەن شاڭخەي- نەنجىڭ، شاڭخەي- خاڭجوۋ تۆمۈريولى باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلانغان.

  «12- ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، سۈن جىنچۈەن ۋۇخەن، جيۇجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا قاتراپ يۈرۈپ، مەملىكەتلىك تۆمۈريول باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۈي، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەردىن كەلگەن يولداشلارنى كۈتۈۋېلىپ ۋە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىكى تۆمۈريول ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پارتىيە تەشكىلاتىنى مەخپىي تەرتىپكە سالغان ھەم ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  پارتىيەنىڭ «7- ئاۋغۇست» يىغىنىدىن كېيىن، سۈن جىنچۈەن پارتىيە تەرىپىدىن نەنجىڭغا ئەۋەتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەنجىڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئاق تېررورلۇق ئەۋج ئالغان كەسكىن ۋەزىيەتتە، ئۇ پارتىيە تەشكىلاتىنى چىڭ تۇتۇپ تەرتىپكە سېلىپ، «7- ئاۋغۇست» يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، يەر ئاستى كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان.

  1928- يىلى 7- ئايدا، سۈن جىنچۈەن خائىننىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. تۈرمىدە گومىنداڭنىڭ ھەربىي، ساقچى، ئىشپىيونلىرى تۈرلۈك ھىيلە- مىكىر ۋە قىيىن- قىستاقلار بىلەن سۈن جىنچۈەننى پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە نەنجىڭ يەر ئاستى پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشقا قىستىغان بولسىمۇ، ئۇ قەتئىي رەت قىلغان. بەدىنى تاياق زەربىسىدىن تىتما- تىتما بولۇپ كەتكەن سۈن جىنچۈەن دۈشمەنگە قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېگەن: ئۆلتۈرسەڭ ئۆلتۈر. مېنى ئۆلتۈرۈشكىنىڭ بىلەن يەنە ئونى بار؛ مېنىڭدەك ئوننى ئۆلتۈرۈشسەڭ، يەنە 100ى بار. مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئىنقىلابچىلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمەيسەن!

  1928- يىلى 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سۈن جىنچۈەن يول بويى ئىنتېرناتسىيونال شېئىرىنى ئوقۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن، دەپ توۋلاپ، نەنجىڭدىكى يۈخۇاتەيدە 33 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

  ئىنقىلابىي قۇربان سۈن جىنچۈەننىڭ 80 ياشتىن ئاشقان جىيەن قىزى سۈن يىجى مۇنداق دېدى: تاغام قەلبىمدە تەڭداشسىز قەھرىمان. 1928- يىلى ئۇ يۈخۇاتەيدە قۇربان بولدى، ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان ئېتىقادى ۋە ساداقىتى جەمەتىمىزگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ھازىرقى ياش ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى بارلىق ئىشلارنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ياشلىق باھارى ۋە ھاياتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماي، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سۈن يىجى 47 يېشىدىن باشلاپ نەنجىڭ شەھىرى يۈخۇاتەي رايونى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىسى بولۇپ، بالىلارغا ۋە يۈخۇاتەيگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنلەرگە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى، ئۇ بۇ ئىشنى 38 يىل داۋاملاشتۇردى. ھەر يىلى چوكانتال بايرىمى مەزگىلى ئۇنىڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى بولۇپ، ئۇ بالىلارنى باشلاپ، يۈخۇاتەيگە بېرىپ قەبرە سۈپۈرىدۇ. يۈخۇاتەينى ياپيېشىل قارىغايلار قاپلىغان بولۇپ، بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا مىستىن ياسالغان بىر پارچە نام تاختىسىنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا: بىز ۋە بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇرىدۇ...، دەپ ئويۇلغانىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر