ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى

2018.06.07 12:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا 6- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپى ئىمتىھانى قوماندانلىق سۇپىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىمتىھان ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا بېرىپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 207 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن، 75 ئىمتىھان رايونى، 211 ئىمتىھان نۇقتىسى، 8612 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنغان، بۇلار 19 شەھەر، 56 ناھىيەگە تارقالغان. ئاپتونوم رايونىمىز خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە، موڭغۇلچە بەش خىل تىل بويىچە ئىمتىھان تەشكىللىگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تىل تۈرى ئەڭ كۆپ، ئىمتىھانغا تەشكىللەش ئەڭ مۇرەككەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى رايون ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «تىنچ- ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىمتىھان ئالدىدىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ھەم پۇختا ئورۇنلاشتۇرغان، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەكتەپ ئىچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىش ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىللە، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا، خىزمەتچى خادىملارغا بولغان سەمىمىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىدىكەن. «ئادەمنى ئاساس قىلىش» قارىشىدا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ئىمتىھاننى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدىكەن. باراۋەر، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، قوبۇل قىلىش ھالقىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئادىل، بىخەتەر، ئۆلچەملىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىللە بىللە، جايلار ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قاتناش، تاماق، ياتاق، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان 52 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىغا چوڭ خەتلىك ئىمتىھان قەغىزى بىلەن تەمىنلەش، ئىمتىھان مەيدانىغا ئاۋۋال كىرىش، چەت ئەل تىلى(خەنزۇ تىلى) ئاڭلاش ئىمتىھانىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرىنى سەپلەپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپىق قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىدىكەن.

  نۆۋەتتە جايلاردا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەن. جايلار، تارماقلار پوزىتسىيەدە «قەتئىي يۈز- خاتىر قىلماسلىق»، ئىدىيەدە «قەتئىي بوشاشماسلىق»، خىزمەتتە «خاتالىققا قەتئىي يول قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر