ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇرۇقچىلىق چوڭ رايونى بولۇشتىن ئۇرۇقچىلىق كۈچلۈك رايونى بولۇشقا قەدەم قويۇش

2018.06.07 11:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇرۇق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  زامانىۋى يېزا ئىگىلىك رامكىسىدا، ئۇرۇق زىرائەتنىڭ جېنى بولۇپلا قالماستىن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئۇرۇقچىلىق ئاجىز بولسا، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  بۇ يىل مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: زىرائەت، چارۋا مال، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە ئورمانچىلىق كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يەنى ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە كېۋەز، تاۋۇز ۋە قوغۇننىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ بازىغا، مەملىكەت بويىچە كۆممىقوناق ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈشتىكى 2- چوڭ بازىغا ئايلاندى. ئۇرۇقچىلىق چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ ئۇرۇقچىلىق چوڭ رايونىدىن ئۇرۇقچىلىق كۈچلۈك رايونىغا ئايلىنىشى شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دۇچ كەلگەن دەۋر خاراكتېرلىك تېما بولۇپ قالدى.


  ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى

  2017- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە زىرائەت ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 2 مىليون 300 مىڭ موغا، يىللىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مىقدارى 700 مىليون كىلوگىرامغا يەتتى. ئاساسلىق زىرائەتلەردە سۈپەتلىك ئۇرۇق ئىشلىتىش نىسبىتى%97 تىن، سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا پەن- تېخنىكا جەھەتتە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى%43 تىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىز پاختا، قىزىلچا ۋە كۆممىقوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتىدا مەملىكەت بويىچە1- ئورۇنغا ئۆتتى، دېھقانچىلىقنىڭ مۇقىم ھەم يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇشىدا ئۇرۇقچىلىقنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئۇرۇقچىلىقنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لەي بو مۇنداق دېدى: ھازىر شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېرىلىۋاتقان كېۋەزنىڭ %80ىدىن ئارتۇقىنىڭ ئۇرۇقىنى شىنجاڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن، بۇ ئۇرۇق شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا تېخىمۇ ماس كېلىپ، پاختىدىن مۇقىم ھەم يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇقچىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا ھوسۇلى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تالا سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى ۋە تالانىڭ كۆپ خىللىقى توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ پىششىقلانمىغان پاختىغا بولغان كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى؛ كۆممىقوناقنىڭ سورتىنى ياخشىلاشتا ئىلگىرىكى نوقۇل ھالدا يۇقىرى ھوسۇلنى كۆزلەش ھازىرقى ئەلا سۈپەتنى كۆزلەشكە ئۆزگەردى؛ بۇغداينىڭ سورتىمۇ ئىلگىرىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق تىپتىن ھازىرقى ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تىپقا ئۆزگەرتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئەلالىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.

  بازارنىڭ غايەت زور ئېھتىياجى كەسىپنى گۈللەندۈردى. ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى 84 كە يېتىپ، 2000- يىلىدىكىدىن 12ھەسسە كۆپەيگەن؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇرۇق سېتىش دۇكانلىرى 8000 دىن ئاشقان، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆسكەن.

  شىنجاڭنىڭ كىلىمات مۇھىتى ئۇرۇقچىلىقنى خاس ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى

  ئۇرۇقچىلىق چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ئىچكىرىدىكى بەزى ئۆلكىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياڭ جۈنشەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ قۇرغاق كىلىماتى بەزى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە بەك ماس كېلىپلا قالماستىن، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى ئازايتىدۇ، يەنە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ تەدرىجىي نامايان بولۇۋاتىدۇ. تەبىئىي كىلىمات مۇھىتىدىن سىرت، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش ۋە ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنىڭ تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىگە ئايلاندى.

  لەي بو مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپلىگەن كارخانىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئۇرۇق يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنىڭدا. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانا شىنجاڭدا ئۇرۇق يېتىشتۈرگەندىن كېيىن ئۆز جايىنىڭ كۈزلۈك ۋە ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلەتتى، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تىرەك بولۇش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

  ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىدۇ

  شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىقى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشتىكى ئاجىزلىقلارمۇ نامايان بولدى.

  ياڭ جۈنشەن مۇنداق دېدى: كۆممىقوناق ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈشنى مىسالغا ئالساق، ئاپتونوم رايون بويىچە يىلدا تەخمىنەن 1 مىليون مو يەردە ئۇرۇق يېتىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن مەملىكەت نىسبىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. لېكىن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجى تەخمىنەن 80 مىڭ مو يەردە يېتىشتۈرۈلگەن ئۇرۇق بىلەنلا قاندۇرۇلىدۇ، قالغان ئۇرۇق بىلەن مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسلىق كۆممىقوناق تېرىيدىغان رايونلارنى تەمىنلەيدۇ. زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن روشەن پەرقلىق بولۇپ قالغىنى شۇكى، پەن تەتقىقات ئىقتىدارى يېتىشمەي قالدى، كارخانىلار مۇستەقىل يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلار بارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنىڭ تەخمىنەن 20% ىنى ئىگىلەيدۇ، باشقا ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى سىرتتىن كىرگۈزۈشكە ياكى ھەمكارلىشىپ يېتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە، ئاممىبابلىقتىن ئۆزگىچىلىك يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا قىستىدى، زىرائەتلەرنىڭ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدارىغا يېڭى تەلەپ قويدى. ئەگەر سورتنى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشتە بازار ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ماسلىشالمىغاندا، ئۇرۇقچىلىق كەسپى ۋاكالىتەن پىششىقلاش كەسپىگە ئايلىنىپ قېلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىلىك رولىنى يوقىتىدۇ.

  لەي بو مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە بىز كەسىپنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىمىز. مۇكەممەل بولغان ئۇرۇقچىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن يېپىق كەسىپ بولۇشى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى پۈتكۈل كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بىرلىشىپ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، تاۋارلاشقان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلغان ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشنى باشلىدى.

  لەي بو مۇنداق دېدى: يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات بىرلەشمە گەۋدىسى مالىيە مەبلىغىنى پىشاڭ قىلىپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەبلىغى ئاجرىتىشقا تەشكىللەپ، مەبلەغنى ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا ئىشلىتىپ، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى باشقا كارخانىلارنىڭ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كۈچى ۋە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشكە باشلامچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى تەتقىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ ھەم تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، كارخانىنى سۇبيېكت قىلغان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنى سودىلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىدۇ.

  ياڭ جۈنشەن مۇنداق دېدى: بۇ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەمەلىي كۈچى كەمچىل بولۇشتەك ئاجىزلىقىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. تەرەققىيات بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇش − ھازىرقى كارخانىلارنىڭ تارقاق كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات خادىملىرى تارقاق بولۇش، سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىرلەشمە گەۋدىنى قۇرۇش جەريانىدا بىرلەشمە گەۋدە ئىچىدىكى كارخانىلار ئۆز ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلاردا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ.

  لەي بو مۇنداق دېدى: بىرلەشمە گەۋدە كەلگۈسىدە كارخانىلارنىڭ ئۇرۇقچىلىق زەنجىرىدە ئورنىنى ئېنىق تېپىشىغا ياردەم بېرىش ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش بىلەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى ئۇرۇقچىلىق گۇرۇھى ياكى كەسىپلەشكەن ئۇرۇقچىلىق تېخنىكا شىركەتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇرۇق كەسپىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل