ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كاڭكەي: پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەززىلىك تائاملار مەدەنىيىتى ئىجادىيەت باغچىسى بەرپا قىلىمەن

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

2018.06.07 11:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ توختىماي سۆزلەپلا كەتتى، كۆز ئالدىمدىكى ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئەر ئىلگىرى مىنىبۇس ھەيدىگەن، شىركەت قۇرغانىدى، ھازىر يېمەك- ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسى قۇردى، يەنە شىنجاڭنىڭ يېمەك- ئىچمەك ساھەسىدىكى «داڭلىق شەخس» بولۇپ قالدى. كىچىكىدىنلا تاماق ئېتىشنى ياقتۇرمايدىغان بۇ كىشى بۈگۈنكى كۈندە مەززىلىك تائاملارغا ئامراق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشقا ھەم ئۇنىڭدىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا باشلىدى.

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى، نەنسەن تېغى ياپيېشىللىققا چۆمگەنىدى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ يېزىسىدىكى «داجۇاڭيۈەن» ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسىدا ساياھەتچىلەر بەكلا كۆپ ئىدى. بۇ باغچە بۇغدايلىقنىڭ يېنىدا بولۇپ، باغچە ئىچىدىكى قاتار سېلىنغان ياغاچ ئۆيلەر ئۆزگىچە چىرايلىق ئىدى، ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئۈستىگە قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، ياغاچ جازا ئۈستىگە ئېسىلغان رەڭگارەڭ پىرقىرىغۇچلار شامالدا پىرقىراپ، كىشىگە قويۇق سەھرا تۈسى تۇيغۇسىنى بەرگەنىدى.

  بۇ ساياھەت باغچىسىنىڭ ئىگىدارى كاڭ كەي ئىپتىخارلىنىپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىرغىچە دۆلەت دەرىجىلىك توققۇز مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق. كېيىنكى قەدەمدە ئەتراپتىكى بايلىق ۋە رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، مەززىلىك تائام تەييارلاشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تائام مەدەنىيىتى ئىجادىيەت باغچىسى بەرپا قىلىمىز.

  كاڭ كەي يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسپىدە مۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش پۈتۈنلەي «تاسادىپىيلىق»تىن بولغان. 1989- يىلى قىسىمدىن قايتقاندىن كېيىن، كاڭ كەي دۆلەت كارخانىسىغا تەقسىم قىلىنغان ۋە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا مىنىبۇس ھەيدەپ خېلى ياخشى كىرىم قىلغان.

  كاڭ كەي ئەينى چاغدا «مىنىبۇس ھەيدەش مەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ياشلار رىقابەتكە يۈزلىنىشى، خىرىسنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك» دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۆت يىل شوپۇر بولۇپ خېلى كۆپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش نىيىتىگە كەلگەن.

  كاڭ كەي ئاپتوموبىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى تاللاپ، ئاپتول سېتىش دۇكىنى ئاچقان، ئەمما رىقابەت كۈچى يوق، سېتىشتىن كىرىدىغان كىرىم بىر خىللا بولىدىغان بۇ تىجارەت ئۇنى ئانچە رازى قىلالمىغان. كېيىن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شىنجاڭ «كەيلىدا» نېفىت- خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان.

  كەسىپنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ خېرىدارلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن، بۇ چاغدا كاڭ كەي ئاشخانا ئېچىش ئويىغا كەلگەن. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتكەن كاڭ كەي 2009- يىلى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ يېزىسىدا «داجۇاڭيۈەن» ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسىنى قۇرغان. ساياھەتچىلەرگە سەھرا تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئىستېمالچىلارنى يېزا تائاملىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، كاڭ كەي بۇ باغچىغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، باغچىدىكى ئۆيلەرنى پۈتۈنلەي ياغاچ بىلەن قوپۇرۇپ چىققان.

  تائاملارنىڭ خاسلىقى بولمىسا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن كاڭ كەي كوللېكتىپىدىكىلەر 2013- يىلىدىن باشلاپ قورۇمىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان.

  قوي گۆشى شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. كاڭ كەي قوي گۆشى بىلەن بىر خىل ئالاھىدە تائام تەييارلاش ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ. ئەستايىدىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇ ئاشخانىلارنىڭ قوي پاقالچىقىنى ئاددىي ئۇسۇل بىلەنلا پىشۇرۇپ تەييارلايدىغانلىقىنى بايقايدۇ ۋە ئاشپەز بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، قايتا- قايتا پىشۇرۇش، تېتىپ كۆرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىر پاقالچاقنىڭ قارا گۆش بۆلىكى ماتېرىيال قىلىنغان ئۆزگىچە بىر خىل تائام − «شاھانە پاقالچاق»نى تەييارلايدۇ، ئېشىپ قالغان ئۈگە سۆڭىكى ۋە ئوشۇق قىسمىدا «ئاچچىق- چۈچۈك ئوشۇق ئۈگىسى قوردىقى»نى تەييارلايدۇ. بۇ ئىككى خىل تائام بازارغا سېلىنغان ھامان ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، «شاھانە پاقالچاق» تائامى ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 800- 900 تەخسە سېتىلىدۇ.

  كاڭ كەي مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن مېھمان بۇ تائاملارنى تېتىپ كۆرگەندىن كېيىن، قايتىپ بېرىپ يەنە تېلېفوندا زاكاز قىلىدۇ، ھازىر «شاھانە پاقالچاق» تائامى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىۋاتىدۇ. 2015- يىلى 7- ئايدا بۇ تائام جۇڭگو مېھمانساراي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «يىپەك يولىدىكى يەرلىك ئېسىل يېمەكلىكلەر»نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

  «داجۇاڭيۈەن» ئېكولوگىيەلىك ساياھەت باغچىسى كىشىلەرنى بۇ ئىككى خىل داڭلىق تائام بىلەن جەلپ قىلغاندىن سىرت، يەنە ئوشۇق سۆڭىكىدە ياسالغان قول سومكىسى بىلەن جەلپ قىلغان. كاڭ كەي يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ «ئاچچىق- چۈچۈك ئوشۇق ئۈگىسى قوردىقى»نى يەپ بولغاندىن كېيىن ئوشۇقنى ئېلىپ كېتىپ ساقلايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھازىر ئوشۇقنى كىچىك ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇمى قىلىپ ياساپ، غىزالىنىپ بولغان مېھمانلارغا خاتىرە بۇيۇمى ئورنىدا ھەدىيە قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

  يەرلىك توخۇ، سۈت ۋە قوي گۆشى قاتارلىق خاسلىققا ئىگە خام ماتېرىياللار كەم بولسا بولمايدۇ. كاڭ كەي ساياھەت باغچىسى ئەتراپىدىكى دېھقانلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كاڭ كەي مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى ئىجادىيەت باغچىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى بويلاپ، ئۆزگىچە تائاملارنى ياخشى تەييارلاپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئەتخانىسى، ئاساسىي تېما كۆرگەزمىخانىسىنى قۇرىمىز ۋە مەززىلىك تائام مەدەنىيەت بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل