ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى دەل جايىدا قاندۇردى

مۇخبىرىمىز چاۋ جىن

2018.06.05 12:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئەتىگەندە، قەشقەر شەھەرلىك 2- سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىگە كەلگەن ئايپاشا مەمەت كىملىكىگە ئاساسەن، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تالونىنى ئېلىپ، خىزمەتچى خادىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە B تىپلىق ئاپپارات، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش قاتارلىق ئون نەچچە تۈرنى 40 مىنۇتتىلا تاماملاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ تېزلەشكەنلىكىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. ئايپاشا مەمەت بۇ يىل كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىدىن بەكمۇ خۇشال بولدى. 3- قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتكەن ئايپاشا مەمەت ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ھازىر ھەممە ئىشتا خاسلىققا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى، مانا قاراڭ، ھەتتا سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتىمۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت خاس تۈرلەرنى تەسىس قىلىپتۇ!

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب بەردى: 2016- يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى باشلاندى، شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، ھەردەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى داۋالاش بايلىقىنى پائال بىرتۇتاش پىلانلاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىراجىتى، خادىم، ئۈسكۈنىلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ھەم مەركەزلىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، داۋالاشتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسەتنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا خىزمەت لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر، ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى قاپلاشتىن تارتىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشقىچە، شۇنداقلا بۇ يىل ئاممىنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى دەل جايىدا قاندۇرۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى خاسلاشتۇرۇپ تۈزۈشكىچە بولغان تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر مىللەت ئامما كېسىلىنى ۋاقتىدا داۋالىتالايدىغان بولدى، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭى ئاشتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى «ساغلام جۇڭگو» قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پېڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بولۇپمۇ ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدۇق. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئىككى يىلدا جەمئىي 36 مىليون 340 مىڭ ئادەم (قېتىم) سالامەتلىك تەكشۈردۇق. جايلار 3- قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى 5- ئايدىن باشلاپ ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويدى، 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملايدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گو ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە سىل كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا سىل كېسىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشى، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا بۇ يىلقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە 15 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سىل كېسىلىنى تەكشۈرۈش تۈرى قوشۇلدى. بۇ يىلقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە ھەممىلا كىشى بىر قېلىپتا تەكشۈرۈلمەيدۇ، يەنى كېسەللىك تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويۇش ھالقىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل، ئېغىر كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، دەپ گۇمان قىلىنغانلارغا خاس سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، تەكشۈرۈش بىلەن خاتىرىلەش تەڭ تۇتۇلدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپى بىلەن ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق كەسپى ئۇچۇر سىستېمىسى تۇتاشتۇرۇلدى. ئاھالىلەر سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندە كېسەللىك ئەھۋالى بايقالسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئېلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا بىۋاسىتە داۋالانسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەكرار تەكشۈرۈش ھەققىنى تېجەپلا قالماي، ۋاقىتنىمۇ تېجىگىلى بولىدۇ. بۇ يىل سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە كېسىلى بايقالغان كىشىلەرگە قارىتا يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز، دوختۇر تىڭشاپ تەكشۈرۈش، كېسەللىك تارىخىنى سوراپ دىياگنوز قويۇش، سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلى، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان، دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى مۇناسىپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ئېنىق دىياگنوز قويدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم يۆتكەپ بېرىدۇ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى تۈرى، «يورۇقلۇق ھەرىكىتى»نى يولغا قويغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەقسىز داۋالىشىغا ئالدىن يوللاپ بېرىدۇ.

  ئاساسىي قاتلامدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدا خادىملار كەمچىل بولۇش، ئۈسكۈنىلەر يېتىشمەسلىك ۋە ئىقتىدار كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق «كەمتۈكلۈك»لەرگە ئاساسەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈرى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملارنى تەربىيەلەپ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر قايسى يېزا- بازارلىق شىپاخانىلار، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە B تىپلىق ئاپپارات، ئېلېكتىرو كاردىيوگرامما قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى بىلىدىغان كەسپىي خادىملار كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋالغا ئاساسەن، مەركەزلىك كۈچەيتىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا- بازارلىق شىپاخانىلاردىكى ئالاقىدار كەسپىي خادىملارنى مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  پېڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبى ئىللىيدۇ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ساغلام جۇڭگو» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋر ساغلاملىق- سەھىيە خىزمىتىنىڭ باش پىروگراممىسى. بىز خىزمەت مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش»تىن ئىبارەت ساغلاملىق قارىشىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر