ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى»

2018.06.05 12:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  

  ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچنى كۈچكە ئۇلاش. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتمۇ قات «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى» ئېچىپ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا تېز يەتكۈزۈش. شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھاياتنى قۇتقۇزۇش كويىدا، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىغا تېز، بىخەتەر يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاھىرجان مىجىت مۇنداق دېدى: مەيلى قانداق ۋاقىت، قانداق شارائىت، قانداق يول ئەھۋالى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش» تاپشۇرۇقى بويىچە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىغا خىزمەت قىلىمىز، «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى»نى راۋانلاشتۇرۇپ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز.


  ئۈمىدكە تولغان «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى»

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى، يىلان چېقىۋالغان قىزچاق ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

  بەش ياشلىق قازاق قىزى گۈلىنەنىڭ ئۆيى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ جېبىكى بازىرىدا بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇنى يىلان چېقىۋالغانىدى، يەرلىكتىكى دوختۇرخانىدا يىلاننىڭ زەھىرىگە قارشى قان زەردابى بولمىغاچقا، داۋاملىق داۋالاشقا ئامال يوق ئىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق شەھەر- يېزا پىلانلاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ بازاردا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن شىنجاڭ «94.9» قاتناش رادىيوسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر دورا شىركىتىدىن يىلاننىڭ زەھىرىگە قارشى قان زەردابى تېپىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى. يىلان چېقىۋالغان قىزچاقنى تېزدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىش مۇشۇ پەيتتىكى ئەڭ جىددىي ئىش ئىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى فۇكاڭ چوڭ ئەترىتى ئۇلارغا «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى» ئېچىپ بەردى، يەنى كازىۋەن چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى چاڭ شۈ فۇكاڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدا گۈلىنەنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى ساقچى ئاپتوموبىلىغا يۆتكەپ، دوختۇرخانىغا بىخەتەر، تېز ئېلىپ كەلدى.

  «قاتناش ساقچىلىرىغا سالام، ئامما ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق پەيتتە سىلەر خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي خىزمەت قىلدىڭلار!»، «شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش ساقچىلىرى يارايدۇ!» قىزچاقنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، كەڭ تورداشلار بالىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى» ئېچىپ بەرگەنلىكىدەك تەدبىرى ئۈچۈن ئارقا- ئارقىدىن ئالقىش ياڭراتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتىنىڭ تەۋەلىك رايونىدىكى 770 كىلومېتىر يول جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول، شۇنداقلا ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ تومۇرى ئىكەن، بۇ يولدا يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 ئەتراپىدا كۆپەيگەچكە، بەزىدە يول راۋان بولماي قالىدىكەن، شۇڭا بۇ يولدا ئېغىر كېسەللەرنى چوڭ دوختۇرخانىغا جىددىي يۆتكەش قاتارلىق تاسادىپىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش رولى بارغانسېرى مۇھىم بولغان.

  تاھىرجان مىجىت 2016- يىلى شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرىنىڭ 1420 كىلومېتىر مۇساپىنى كۈچ ئۇلاپ تاماملاپ، خوتەنلىك كېسەل بوۋاقنى قۇتۇلدۇرغان ئىشىنى ئەسلىدى. مۇخبىرنىڭمۇ ئۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇشقا نىسبەتەن تەسىراتى چوڭقۇر ئىدى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى قورسىقى تۇغما يېرىق تۇغۇلغان قىز بوۋاق كۆپ جايلاردىكى قاتناش ساقچىلىرىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك كاپالىتى ئاستىدا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە تېز ئېلىپ كېلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغان. بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، يول بويى ئالتە قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ 16 چوڭ ئەترىتى كۈچ ئۇلاپ مۇھاپىزەت قىلغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تارماق ئەترىتىنىڭ بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئەترىتىمۇ بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان.

  بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كەڭ تورداشلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان، نۇرغۇن تورداشلار تەسىرلىنىپ: «مانا بۇ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان، ئاكتىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ!» دەپ سۆز قالدۇرغان. تاھىرجان مىجىتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر ئابىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ياردەم، تەلەپلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامما تاسادىپىي ئەھۋاللارغا يولۇققاندا قاتناش ساقچىلىرىنى ئىزدەشنى بىلىۋالىدىكەن، قاتناش ساقچىلرىنىڭمۇ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسى چوڭقۇرلىشىپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ھەم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

  ھەممە تەرەپ بىرلىكتە ھەمكارلىشىش

  5- ئاينىڭ 17- كۈنى، بىر ئاتا بىر ياشلىق ئاغرىق بالىسىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە جىددىي داۋالىنىشقا ماڭدى، ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئارقا جىلغا بۆلىكىگە كەلگەندە توسۇلۇپ قېلىپ، قاتناش ساقچىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى ياردەم تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ لىنىيەدىكى ھەر قايسى چوڭ ئەترەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ساقچىلىرىنىڭ مۇھاپىزەت چەمبىرىكىنى قۇردى، بالا ئوڭۇشلۇق ھالدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى.

  يۆتكەپ داۋالاشقا ئېھتىياجلىق جىددىي، ئېغىر كېسەللەرگە قانداق قىلىپ «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى» ئېچىپ بېرىلىدۇ؟ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى تەن خېجيا مۇنداق دېدى: بىز قوماندانلىق مەركىزى سۇپىسىدا تېلېفون كەلگەن ۋاقىتتىكى ئورۇننى، تەۋەلىكتىكى چوڭ ئەترەتنىڭ ساقچى كۈچى ئەھۋالىنى، ھەر بىر ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ ئورنىنى كۆرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىنى بىۋاسىتە ئەۋەتىمىز.

  «ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قۇتقۇزۇش خىزمىتىمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى». تەن خېجيا يەنە مۇنداق دېدى: چوڭ ئەترەت ساقچىسى ئالدىدا مۇھاپىزەت قىلىپ ماڭىدۇ، قوماندانلىق مەركىزى نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق توختىماي يول ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، قىستاڭچىلىق كۆرۈلگەن يول بۆلىكى ياكى قىستاڭچىلىق كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان يول بۆلىكىنى ھۆكۈم قىلىپ، باشقا ساقچىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار- يوقلۇقىنى بېكىتىدۇ.

  ئۈرۈمچىنىڭ ھالقىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئاپتوموبىللار كۆپ بولغانلىقتىن، بەزىدە ھەق ئېلىش پونكىتىدا ئۆچرەت ساقلاش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنى يۆتكەش جەريانىدا، يول بويىدىكى ساقچىلار ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن قاتناش قىستاڭ يول بۆلەكلىرىدە يول ئېچىپ ماڭىدۇ. ھەق ئېلىش پونكىتىغا ئاز قالغاندا، قاتناش ساقچىلىرى ھەق ئېلىش پونكىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆچرەت كۈتۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنى تېز قويۇپ بېرىپ، يولنى بوشىتىشقا بۇيرۇپ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  تەن خېجيا مۇنداق دېدى: گەرچە ئارقا سەپتە قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بولساقمۇ، قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئوخشاش پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ھېس قىلىمىز. ھەر قېتىم جىددىي، ئېغىر كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، كۆز چاناقلىرىمىزغا خۇشاللىق ياشلىرى تولىدۇ، بۇ خىزمەت بىزگە ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى»نى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش

  1- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەتىگەندە قار يېغىپ، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىغا ئىككى كىلومېتىر قالغان يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىللار ئۆزئارا سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بىر قىز ئېغىر يارىلاندى. تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى داۋانچىڭ چوڭ ئەترىتى 2- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى لۈ لې ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى داۋانچىڭدىن يولغا چىقىپ، سايۋوپۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىپ، نەق مەيداندىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشكە ئامالسىز قالدى.

  «ئەينى ۋاقىتتا، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 27 گىرادۇس ئىدى، يارىدارنى دوختۇرخانىغا تېز يەتكۈزمىسەك توڭلاپ ئۆلۈپ كېتەتتى». لۈ لې بىلەن خىزمەتداشلىرى قاپسىلىپ قالغان شوپۇر ۋە يولۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ، بىر نەچچە كىچىك ئاپتوموبىلنى ئادەم كۈچى بىلەن ئىتتىرىپ يۆتكەپ، «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى»نى ئاچتى. يەنە بىر شەخسىي ئاپتوموبىل مۇشۇ يولدىن يارىدارنى ئېلىپ مېڭىپ، تۇزكۆل ھەق ئېلىش پونكىتىدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئۇچراشتى...

  لۈ لې شۇنداق سوغۇق كۈندە، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەملەشكەنلىكىدىن خۇشال بولدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە بىر ئىشتىن ئەپسۇسلاندى، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا «ھاياتلىق يېشىل كارىدورى» راۋان بولغان بولسا، قۇتقۇزۇش تېخىمۇ تېز ۋە ئوڭۇشلۇق بولار ئىدى.

  قاتناش ساقچىلىرىدىن قانداق ياردەم سوراش كېرەك؟ تەن خېجيا مۇنداق دېدى: جىددىي كېسەللەر ئۈچۈن مىنۇت- سېكۇنت ۋاقىتمۇ ئىنتايىن مۇھىم. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن، ھەق ئېلىش پونكىتىغا كېلىپ قاتناش ساقچىسىدىن ياردەم سوراش كېچىككەنلىك بولىدۇ. شۇڭا دەل ۋاقتىدا « 12122» نومۇرىغا تېلېفون ئۇرۇپ ياردەم سوراش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى ئۇرۇپ يەتكۈزگىچە مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر يولدا باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يول بوشىتىشى زۆرۈر بولسا، بىز رادىيو ئارقىلىق ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىغا ئۇچۇرنى يەتكۈزىمىز.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ياردەم تەلەپ قىلغاندا كېسەلنىڭ ئەھۋالىنى، ئاپتوموبىلنىڭ رەڭگىنى، نومۇرىنى، نۆۋەتتىكى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە نىشان ئورۇننى ئېنىق ئېيتىش كېرەك. قۇتقۇزماقچى بولغان ئاغرىقنى شەخسىي ئاپتوموبىلدا يۆتكىمەي، ئامال بار شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن يۆتكەش كېرەك.

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسى يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىجتىمائىي ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا يول بېرىپ، ئالاھىدە ئاپتوموبىللارنىڭ تېز، دەل ۋاقتىدا نىشانغا يېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل