ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جان تومۇرىنى مۇستەھكەملىدى

مۇخبىرىمىز شى شىن

2018.06.03 17:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ قارايار كەنتىدىكى ئابدۇرېھىم سىدىق ئائىلىسى 5- ئاينىڭ 31- كۈنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، كەنتنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەدەبىيات- سەنئەت ئەترىتى» كەنت ئاھالىلىرىگە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بېرىۋاتاتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يېزىنىڭ دۆڭقىشلاق كەنتىگە جايلاشقان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى «سىيۈەن» پەلەي چەكلىك شىركىتىنىڭ پەلەي شۆبە زاۋۇتىمۇ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.

  بۇ پائالىيەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنىدى.

  خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىش داۋامىدا يېڭى دەۋرگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  ئۈلگىلەر بولۇپ باشلامچى، ياڭراتتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» كۈيىنى،
  ئۈلگە بولغاچ يېنىمىزدا، ئىلگىرىلەش ئۈچۈن مۇجەسسەملىدۇق كۈچىمىزنى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شاڭخەي ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قارايار كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى قەيسەر مەمەت مانا مۇشۇنداق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى.

  2017- يىلى، قەيسەر مەمەت قارايار كەنتىدىكى بەش كەنت ئاھالىسىنىڭ شاڭخەيگە بېرىپ پاراخوتتا ئىشلىشىگە ياردەم بەردى، ئۇلارنىڭ ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.

  29 ياشلىق ئىبرايىم ئابدۇۋېلى ئىشلىگەن 2- ئېيىدىلا يىغىپ قويغان 5000 يۈەن پۇلىنى قەيسەر مەمەت ئارقىلىق كەنت يەسلىسىگە ئىئانە قىلدى.

  ئىبرايىم ئابدۇۋېلىنىڭ بۇ ئىشى كەنت ئاھالىلىرىنى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ۋاڭ پېڭنى تەسىرلەندۈردى. ۋاڭ پېڭ قەيسەردىن: كەنتكە نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم بولىدۇ؟ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلسام بولىدۇ؟ دەپ قايتىلاپ سورىدى. قەيسەر ئۇنىڭغا كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا كۇرس ئېچىپ، كەنتتىكى بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

  «پېڭپېڭ دەرسخانىسى» مانا مۇشۇنداق ئېچىلدى. دەسلەپكى نەچچە بالا بار بۇ دەرسخانىنىڭ كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، ھازىر بالىلار سىنىپى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا سىنىپىدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپ ئېچىلدى. بۇ ئارقىلىق، ھەم بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشى بېيىتىلدى، ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇلدى.

  بىر قېتىملىق چىراغ يورۇقىدىكى تەشۋىقات، بىر قېتىملىق پارتىيە مىكرو دەرسى، بىر قېتىملىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى، بىر مەيدان ئائىلىۋى ھېكايە سۆزلەش يىغىنى، بىر قېتىملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى لېكسىيەسى... قارايار كەنتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىلىپ، مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلىپ، ھەممە جايدا تەشۋىق قىلىنىپ، كەيپىيات جانلاندى.

  ھازىر خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى شىنجاڭ سىرتىغىچە كېڭەيدى. خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئورگىنى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى 334 كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى، يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى 347 كەنت ئاھالىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپلا قالماي، يەنە تۆت ئىش باشقارمىسىدىكى 97 كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىمۇ شۇ جايدىكى شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش

  5- ئاينىڭ 31- كۈنى، قارايار كەنتىدىكى مۇنايىم مەخەم كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ: مەن كۈن ساناۋاتىمەن، يازلىق يىغىم تۈگىسىلا، تۇغقىنىم مېي خەييىڭنى كۆرگىلى بارىمەن، ئۇنى بەك سېغىندىم، دېدى.

  مېي خەييىڭ ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى باسما مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە مۇنايىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشقانىدى.

  بۇ يىل 1- ئايدا، مۇنايىمنىڭ نەنچاڭ سانائەت قۇرۇلۇشى تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى ياسىن مەمەت تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ، ئېغىر يۈرەك كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ، قەشقەرگە قايتىپ ياتاقتا يېتىپ داۋالاندى. مۇنايىم: ئوغلۇمنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئۇقۇپ، تۇغقىنىمغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدىم، دېدى. ئۇ چاغدا مۇنايىم مېي خەييىڭنىڭمۇ ئاغرىپ قالغانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ خېلى ئېغىر بولۇپ، ئەمدىلا ئوپېراتسىيەدىن چىققانلىقىنى بىلمەيتتى، مېي خەييىڭنىڭ باسما مەركىزىدىكى خىزمەتداشلىرى مۇنايىمنىڭ ئوغلىغا دوختۇرخانا ئالاقىلىشىپ بەردى ھەم كېسەلخانىدا يېتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەردى.

  مۇنايىم مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئالدىدا مېي خەييىڭ 5000 يۈەن بەردى، ئۇ ئوغلۇمغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كارىۋاتتىن چۈشۈپلا كەلگەن ئىكەن. مۇنايىمنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن نەنچاڭغا قايتتى، ئەمما مېي خەييىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن خېلى ئۇزاققىچە «ئۆيگە قايتىپ» مۇنايىمنى يوقلىيالمىدى، خىزمەتداشلىرىدىن دائىم پۇل، نەرسە- كېرەك ئەۋەتىپ تۇردى.

  تەسىرلىك ھېكايىلەر تېخى تۈگىمىدى. ئىللىقلىق ئاللىبۇرۇن ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار ئاممىغا 353 مىڭ 300 يۈەن پۇل، 19 مىڭ 80 ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغان، 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى «سىيۈەن» پەلەي چەكلىك شىركىتى پەلەي شۆبە زاۋۇتىدا 24 ياشلىق ئىبادەت مۇختەر پەلەي تىكىۋاتاتتى. «بىر بولاقتا 120 جۈپ پەلەي بار، مەن بىر كۈندە ئۈچ بولاق تىكەلەيمەن، ھەر بىر بولاقتىن 16 يۈەن كىرىم قىلىمەن، يەنە كۈنلۈك ئىشقا چىقىش پۇلى ئون يۈەننى قوشقاندا، بىر كۈندە 58 يۈەن پۇل تاپالايمەن». بۇنداق كىرىم ئۇنى تېخىمۇ روھلۇق ئىشلەيدىغان قىلدى.

  بۇ پەلەي شۆبە زاۋۇتىنى ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «ئون مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرغانىدى. ھازىر كەنتتىكى 52 ئايال بۇ جايدا ئۇزاق مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىپ، سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندى.

  − نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، بۇ كىچىك زاۋۇت كانادالىق سودىگەر بىلەن يىلدا 1 مىليون 800 مىڭ جۈپ پەلەي زاكازى ئىمزالىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن كەنتىمىزدە 500 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى «سىيۈەن» پەلەي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش زاۋۇتى پۈتىدۇ، شۇ چاغدا بۇ تۈر يېزا ۋە ناھىيە بويىچە پەلەي پىششىقلاش كەسپىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ، دېدى جۇ جېنجۈن.

  بۇ يىلدىن بۇيان، پەلەي شۆبە زاۋۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 12 سى دۆڭقىشلاق كەنتىگە ماكانلىشىپ، 5 مىليون 114 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 188 ئائىلىدىكى 887 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. ھازىر دۆڭقىشلاق كەنتىدىكى %75 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، يىل ئاخىرىغىچە كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپنى تەڭشەش، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ھۆددىگە ئېلىش، ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش جەھەتتە سىجىل كۈچىدى. بۇ تەدبىرلەر كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۈچىنى بىر يەرگە ئىشلەتكەندىلا، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل