ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: پۈتۈن رايون ساياھىتى ئارقىلىق دېھقان چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۈ نا

2018.06.02 13:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    ساياھەت تەكشۈرۈشى

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى قارلىغاچ تېغى ۋە سۈزۈك بۇلاقلىرى بىلەن مەشھۇر.

  ئۇچتۇرپان قەدىمدىن تارتىپ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا يولىدىكى مۇھىم بازار، چېگرا شەھىرى، بۇلاق شەھىرى، شۇنداقلا يەنە تارىخىي قەدىمىي شەھەر. بۇ شەھەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگىنىگە 2000 يىلدىن ئاشتى، تۇر مەدەنىيىتى، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە غەرب ساياھىتى مەدەنىيىتى دەل بۇ جايدا گىرەلىشىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئەۋزەل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى ھەم شۇ ئارقىلىق «ساياھەت + نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلارنى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ھەم بېيىش يولىغا قەدەم قويدى.


    «ساياھەت + نامراتلارنى يۆلەش»نى ماسلاشتۇرغاننىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى

  ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يەنە كېلىپ ئايدا 6000 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىش ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ سېرىق ئارال كەنتىدىكى دېھقان ھەسەنجان داۋۇتنى ھەم بەختكە چۆمدۈردى ھەم مەمنۇن قىلدى.

  28 ياشلىق ھەسەنجان داۋۇت ھازىر سېرىق ئارال كەنتىدىكى بىر سەھرا ئارامگاھىنىڭ ئاشپىزى. ئىككى يىل بۇرۇن، ھەسەنجان داۋۇت ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، ئۆيىگە ئايدا ئاران بىر قېتىم قايتالايتتى. كېيىن ئۇ، بۇ خىزمىتىدىن توختاپ، ئىشىكى ئالدىدا ناۋايلىق قىلغان بولسىمۇ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتتى. كەنتتىكى سەھرا ئارامگاھىنىڭ ئىگىدارى ئۇنى ئاشپەزلىككە تەكلىپ قىلغاندا، ھەسەنجان داۋۇت جان دەپ قوشۇلدى.

  ھەسەنجان داۋۇت مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر ئەتكەن تاماقلىرىمنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ يېدى، شۇڭا تۇنجى ئايدىلا 6000 يۈەن ئىش ھەققى ئالدىم، تەرەپ- تەرەپكە قاتراپ ئىشلىگەندىمۇ بۇنداق كۆپ پۇل تاپالمىغانىدىم، ئەمدى ياخشى بولدى، يېتەرلىك پۇل تېپىپ ئۆيۈمنى رېمونت قىلىمەن.

  سەھرا ئارامگاھىدا ئىشلىگەندىن بۇيان، ھەسەنجان داۋۇتنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا بېرىلىدىغان 1500 يۈەن پايدا تەقسىماتى ئىدى.

  ھەسەنجان داۋۇت ئىشلەۋاتقان «سۇ ئۈستىدىكى بوستانلىق» ئارامگاھىنىڭ يېنىدا ياۋا جىغانلىق بار بولۇپ، بۇلاق دەرياسى بۇ سەھرا ئارامگاھىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى. شۇڭا بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى سالقىن ئىدى. «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن كېيىن، تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەپ، بۇ سەھرا ئارامگاھىنىڭ ئىگىدارى ما گوخۇينى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى.

  سەھرا ساياھىتى ئارقىلىق بېيىش باشلامچىسى بولغان ما گوخۇينىڭ سەھرا ئارامگاھى ئېچىۋاتقىنىغا سەككىز يىلدىن ئاشتى. بۇ سەككىز يىلدا، ما گوخۇي «سۇ ئۈستىدىكى بوستانلىق» سەھرا ئارامگاھىنىڭ تىجارەت كۆلىمىنى 500 موغا كېڭەيتتى، بېلىق تۇتۇش رايونى، سۇ ئۈزۈش رايونى تەسىس قىلىپ، ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى. ما گوخۇي يەنە ئەتراپىدىكى 40 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  نامرات ئائىلىلەر ھۆكۈمەت تارقاتقان نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى پاي قىلىپ قوشۇپ يىلدا تېگىشلىك پايدىغا ئېرىشتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە 2- تۈركۈمدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ بىرى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلاندى، «ساياھەت +» ئەندىزىسىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنىڭ «ساياھەت+»تىن نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇلتۇردىن باشلاپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تۇنجى بولۇپ سەھرا ساياھىتى بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا- بازارلاردا بەش سەھرا ئارامگاھىنى يېڭىدىن قۇرۇش، تۆت سەھرا ئارامگاھىنى ئۆزگەرتىش، ھەر بىر سەھرا ئارامگاھىغا 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە 40 نامرات ئائىلىنىڭ 300 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، 300 مىڭ يۈەن ساياھەت تۈرى مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا- بازارلاردىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك سەھرا ئارامگاھلىرىغا 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى.

  سەھرا ئارامگاھى تىجارەتچىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى، 40 نامرات ئائىلە بىلەن پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش توختامى تۈزۈپ، ھەر يىلى ھەر بىر نامرات ئائىلىگە 1500 يۈەن ئۆلچەم بىلەن ئۇدا بەش يىل پايدا تەقسىملەپ، جەمئىي 300 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەشنى كېلىشتى.

  يۆلەشكە ئېرىشكەن سەھرا ئارامگاھىنىڭ ئىگىلىرى نامراتلارغا قەرەللىك پايدا تەقسىملەپلا قالماي، يەنە ئالدى بىلەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىش، ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ساياھەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەتراپتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى «ساياھەت+ نامراتلارنى يۆلەش» ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھرا ساياھىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. يېقىنقى نەچچە يىلدا، مۇشۇ بىر تۈرلۈك تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەدىكى 360 نامرات ئائىلىدىكى 600دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

    ساياھەتچىلىككە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىرىم ئاشۇرۇلدى

  ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ ئاقتوقاي كەنتىدىكى ھۈسەنجان ھىدايەتنىڭ قەلبىدە بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

  كۈندە سەھەردە ناھىيە بازىرىدىكى قارلىغاچ تاغ دەرياسى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ ئىشلەيدىغان ھۈسەنجان ھىدايەت دائىم ئاق كۆڭلەك، قېنىق كۆك رەڭلىك كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىپ، قارا ئايىغىنى پارقىرىتىپ يۈرىدۇ. ئۇ يەنە مەنزىرە رايونى تارقاتقان ئىش ئورنى گۇۋاھنامىسى ۋە «ئۇچتۇرپان ساياھىتى» دېگەن خەت بېسىلغان يۇمىلاق بەلگىنى مەيدىسىگە تاقاپ يۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلەيدىغىنىم ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت بولغاچقا، ئوبرازىمغا دىققەت قىلىشىم كېرەك، چۈنكى مېنىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغىنىم مەنزىرە رايونىمىز ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئوبرازى.

  بۇ يىل، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى 2 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈپ، دالا ۋېلىسىپىتى، ئۈچ كىشىلىك ۋېلىسىپىت، تۆت كىشىلىك ۋېلىسىپىت، بىر كىشىلىك، قوش كىشىلىك سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى، تۇلۇم قولۋاق، موتورلۇق قېيىق، ساياھەت توكلۇق ۋېلىسىپىتى قاتارلىق ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىپ، 3- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتى. ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە كىشىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم، شۇڭا ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى ئالدىن ئويلاشتى.

  بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى، ئۇچتۇرپان بازىرىدىكى نامرات ئائىلىلەرنى تەشكىللەپ ساياھەت كوپىراتىپى قۇردى، ھازىر 22 كىشى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىشى ئارقىلىق قارلىغاچ تاغ دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى خىزمىتىگە قاتناشتى.

  بۇلتۇر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ساياھەت، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈر مەبلىغى قاتارلىق مەبلەغلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىي 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ چېچەكزارلىق كەنتىدىكى 32 يۈرۈش ئالاھىدە ئۆي (بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە نامرات ئائىلە بار)نى قوغدىدى ۋە يېڭىلاپ سالدى. بۇ، ناھىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلۇق ساياھەت كۈتۈۋېلىش رايونىنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش بىلەن بىللە، ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ ساياھەت كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.

    «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش» بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىك زورايتىلدى

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، كىلىماتى يېقىشلىق، كان مەھسۇلاتلىرى مول، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولۇپ، ئەزەلدىن «يىپەك يولىدىكى بۇلاق شەھىرى» ۋە «يېرىمى تاغلىق، يېرىمى بۇلاق شەھەر» دېگەن گۈزەل نامى بار.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە 26 مەنزىرە رايونى ۋە مەنزىرە نۇقتىسىنى ئاچتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايدىن ئىككىسى، شەخسىي مېھمانخانىدىن سەككىزى، ئېكولوگىيەلىك مېھمانسارايدىن بىرى، 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئىككىسى بار؛ يېزا ئىگىلىك ساياھەت يېڭى مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى، يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھىدىن ئونى بار.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 183 ئائىلە، 769 نامرات نوپۇس بار. بۇ كەنت توشقان دەرياسىغا يېقىن، ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ساياھەت شىمالىي ئايلانما لىنىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تۆۋەنكى قاقۇللا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «ھۆكۈمەت+كوپىراتىپ+نامراتلار»دىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنتتە سەھرا ساياھىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كەيشۈەن مۇنداق دېدى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مول تەبىئىي بايلىق ۋە مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئېكولوگىيەسى ياخشى ناھىيە قۇرۇش، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەپەككۇرى بويىچە، ساياھەتچىلىكنى ۋاسىتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنى پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەرەققىياتى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر