ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

چاڭ نىڭ: بالىلارنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىمەن

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ

2018.06.01 17:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   5- ئاينىڭ 10- كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ ئەنجۈر كەنتى يەسلىسى مەيدانىدا ئېگىز بويلۇق، كېلىشكەن يىگىت چاڭ نىڭ دېھقانلار بىلەن بىرلىكتە بالىلارغا ئىلەڭگۈچ ئېسىپ بېرىۋاتاتتى.

  چاڭ نىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن بۇ يەسلىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچى. يەر مەيدانى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ مەيدان سەككىز پائالىيەت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يېڭىئاۋات يېزىسى بويىچە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ تولۇق سەپلەنگەن تۇنجى مەيدان، شۇنداقلا چاڭ نىڭنىڭ بالىلارغا بەرگەن بايراملىق سوۋغىتى ئىدى.

  بالىلارغا پۇتوڭخۇا ئۆگىتىشتىن بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈشكىچە ھەممىسى چاڭ نىڭنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بالىلارغا بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆگەتكۈم كېلىدۇ، دەرس ئۆتكەندە بالىلار بىلەن سۆزلىشىمەن، ئويۇن ئوينايمەن، كۆرۈنمە چاستوتا كۆرسىتىمەن، نېمە قىلسام بالىلار شۇنى ياقتۇرىدۇ.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن چاڭ نىڭ 2017- يىلى 8- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئەنجۈر كەنتىنىڭ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. يەسلى مائارىپ كەسپىدىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق چاڭ نىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلاردىن كەسپىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يېزا تۇرمۇشىغا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ، قىسقىغىنا ۋاقىتتا لاياقەتلىك يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە توردىن بالىلار قوشىقى ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىپ بالىلارغا ئۆگەتتى.

  چاڭ نىڭ بالىلارنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. «قىيىنچىلىقلىرىڭلار بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىمەن» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئادەت سۆزى بولۇپ قالدى. ئۇ شۇنداق دەپلا قالماستىن يەنە شۇنداق قىلدى. سىنىپتىكى بالىلار تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەخسۇس تورت بۇيرۇتتى؛ بالىلار تاپشۇرۇپ ئالغان تۇنجى رەسىملىك دەپتەرنى ئۇ توردىن سېتىۋالدى؛ بالىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىنى ئۇ كۆڭۈل قويۇپ خاتىرىلىۋېلىپ، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن دوستلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، چاڭ نىڭ كۆپچىلىك ئىئانە قىلغان كىيىم- كېچەك، بوغچا، ئۆگىنىش قوراللىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى بىر يەرگە يىغىپ، پائالىيەت ئۆيى قۇردى؛ كىتابلارنى تۈرگە ئايرىپ بالىلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشىگە بەردى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت- بايراملىرىدا بالىلارنىڭ يېڭى كىيىم كىيىپ، يېڭى ئويۇنچۇق ئوينىشى ئۈچۈن، ئۇ بالىلارغا كىيىم- كېچەك، ئوقۇش قوراللىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى تارقىتىپ بەردى؛

  يەسلىنىڭ بالىلار ئوينايدىغان ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئىقتىدارلىرى نىسبەتەن تولۇق، بىخەتەر تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇپ، بالىلارنى خۇشال- خۇرام ئوينىتىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى. مەبلەغ غەملەشتىن قۇرۇلۇشنى پىلانلاشقىچە، ئۇ كۈندىلىك خىزمىتىنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا پۈتۈن زېھنىنى تەنھەرىكەت مەيدانى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى. چاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: بالىلار بايرىمى يېقىنلىشىپ قالدى، بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈننى كۈتۈۋاتىدۇ، مەن كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم، ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل