ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ھەرمىللەت ئۆسمۈرلىرى قول تۇتۇشۇپ «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

2018.06.01 17:21 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لى لى خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىنىڭ ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى ئۇيۇشتۇرغان «ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى قول تۇتۇشۇپ «1- ئىيۇن» بالىلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى خەلق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىدىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر ۋە كىچىك دوستلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بۇ پائالىيەت ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدا سىزىلغان رەسىم، بايرامغا بېغىشلانغان گۈزەل تىلەكلەر ۋە گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت بەش بۆلەك بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى ئالدىدا كۆپچىلىك سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، پىيونېرلار رەتلىك تىزىلىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سالام بەردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە 50 نەچچە پارچە نادىر ئەسەر كۆرگەزمە قىلىندى. ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى 1.5 مېتىر كېلىدىغان پىلاكاتقا 50 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كىچىك دوستنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان مول مەزمۇنلۇق رەسىملىرى سىزىلدى. پائالىيەتتە يەنە ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلىرى تەۋەلىكتىكى 50 تىن ئارتۇق نامرات ئائىلە، مېيىپلەر، مېيىپ ھەربىيلەر ئائىلىسىدىكى بالىلارغا ئوقۇش قوراللىرىنى سوۋغا قىلدى. ئاخىرىدا تىنچلىق كەپتىرى قويۇپ بېرىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ، ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان ئورتاق تىلىكى بىلدۈرۈلدى.

  «بۈگۈنكى پائالىيەت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن، بىز بۇ تەستە قولغا كەلگەن تىنچ، خاتىرجەم كۈنلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. بىز داۋاملىق تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، گۈللەنگەن، باي- باياشات گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشايلى» دېدى، يەتتە ياشلىق ئارىپجان ئابدۇكېرىم.

  ياڭزىجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۇڭ مېي مۇنداق دېدى: تەۋەلىكىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەرنى غايىلىك، ئىنتىلىشچان، مەسئۇلىيەتچان سوتسىيالىستىك ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا يېتەكلەش، «ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ئالغا ئىنتىلىش»نى بالىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە بالىلار بايرىمى ھارپىسىدا ئۇلارغا ئالاھىدە بايرام ئۆتكۈزۈپ بەردۇق. بۇ بالىلارغىلا ئەمەس، كادىرلار ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرگىمۇ بىر قېتىملىق جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل