ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن ئىككى يىلدا 1230 جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

لىنىيە تۆتتىن 19غا كۆپىيىپ، ياۋروپا- ئاسىيادىكى 17 دۆلەتنى قاپلىدى

2018.05.27 13:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 26- كۈنى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىقى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن 17 دۆلەتكە جەمئىي 1230 جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  شۇ كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلېكتىرونلۇق دېتال، زاپچاس، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كۈندىلىك مىلىچماللار لىق قاچىلانغان X9093- قېتىملىق نۆۋەتچى يۈك پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن 1200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە يولغا چىقتى، بۇ قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان غەربكە قاتنىغان 1230- قېتىملىق خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

  2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىققاندىن بۇيان، قاتناش كۆلىمى داۋاملىق كېڭىيىپ، 2016- يىلى 11- ئايدا كۈنىگە بىر قېتىم دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2017- يىلى كۈنىگە ئىككى قېتىم دائىملىق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ يەردىن غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى يۈك پويىزى لىنىيەسى تۆتتىن 19غا كۆپىيىپ، ياۋروپا- ئاسىيادىكى 17 دۆلەت، 24 شەھەرنى قاپلاپ، كۆپ نۇقتىدىن يولغا چىقىش، كۆپ جايدا قاتناش، كۆپ جايغا بېرىشتەك يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلدى، توشۇلىدىغان ماللار دەسلەپكى كۈندىلىك مىلىچمال، كىيىم- كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، پار بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس قاتارلىق 200 نەچچە خىلغا كۆپەيتىلدى.

  «باۋۋۇ» گۇرۇھى «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت شۆبە شىركىتى ئىجتىمائىي- كەسپىي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چۈ ۋېيگو مۇنداق دېدى: چەت ئەل بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئىزچىل ئاشماقتا، بۇلتۇر شىركىتىمىز جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 148نى يولغا سالدى، بۇ يىل 200گە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

  خاڭجوۋ «جۇڭۋەييۈن» چەكلىك شىركىتى ئۇلاپ توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ خۇلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە مەبلەغ ئوبوروتىنى تېزلىتىپ، ۋاقىتنى تېجىدى، ھازىر، شىركىتىمىز ئايدا ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن 50 ۋاگوندىن كۆپرەك مال چىقىرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 384كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92 ئاشقان. شىنجاڭ «شىنتيې» خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى نەن جۈن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكى جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشماقتا، بۇ يىل 1400 نۆۋەتچى پويىزنى يولغا سېلىش نىشانىغا يېتىشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر