ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.05.24 11:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقۇشىمچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىپ، 9- ئاينىڭ باشلىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن، توشۇلىدىغان ئوقۇغۇچى 150 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل كۈزدە، ئاپتونوم رايونىمىز 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرىگە توشۇش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش، مەكتەپكە قايتىش جەريانىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل